جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:
«12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە كىرىم تەقسىمات تۈزۈمىنى قانداق قىلىپ ئىسلاھ قىلىپ، كەسىپلەر، رايونلارنىڭ كىرىم پەرقىنى كىچىكلىتىپ، خەلق ئاممىسىنى جەمئىيەت بايلىقىدىن تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتلەندۈرۈش ئىككى يىغىندىكى قىزىق تېمىغا ئايلاندى.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو خەينەن ئۆلكىلىك ئىسلاھات تەرەققىيات تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى چى فۇلىن بۇ ھەقتە كونكرېت تەكلىپ بەردى. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە كىرىم تەقسىمات تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشقا ئالاقىدار چەكلىمە خاراكتېرلىك كۆرسەتكۈچلەرنى تۈزۈش كېرەك. تەدبىر قوللىنىپ شەھەر بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى ۋە ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ئاشۇرۇش نىشانىنى كونكرېتلاشتۇرۇش ھەمدە ئۇنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. كىرىم تەقسىمات پەرقىنى ئۈنۈملۈك كىچىكلىتىشتە، مونوپول كەسىپلەرنىڭ كىرىمى بەك يۇقىرى بولۇپ كېتىشنى كونترول قىلىش، ئوتتۇرا كىرىملىك ئاممىنىڭ نىسبىتىنى كېڭەيتىش كېرەك.
چى فۇلىن مۇنداق دېدى: خەلقنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشتا مالىيە باج تۈزۈلمىسىنىڭ كىرىمنى تەڭشەشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇ مالىيە باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى كىرىم تەقسىماتى ئىسلاھاتى بىلەن تەڭ ئېلىپ بېرىش كېرەك، مالىيە خامچوتىنى ئاشكارىلاش بىلەن چىقىمنى ئاشكارىلاشنى تېزلىتىپ، جەمئىيەتنىڭ مالىيە خامچوتى ۋە چىقىمىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك، مەمۇرىي چىقىمنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش ھەمدە تىرىشىپ ئازايتىش لازىم دەپ تەكلىپ بەردى.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل