جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلىيىتى ۋەكىللىرى دوكلاتقا گۇرۇپپىلار بويىچە قاراپ چىققاندا مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئىلىمىي تەرەققىياتنى باش تېما، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات شەكلىدە بۇرۇلۇش ياساشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ ياخشىلاپ ۋە كاپالەتلىك قىلىپ، 12-بەش يىلنى ياخشى باشلاش كېرەك.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇيۈنچىمۇگ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: دوكلاتنىڭ مەزمۇنى مول، ئىدىيىسى ئېنىق، ئاشكارىلىقى يۇقىرى بوپتۇ. پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىدا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ جايلاردىكى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتلەر چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان مۇھىم نۇقتا ۋە خىزمەت نەتىجە ھاسىل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان يۆنىلىشكە ئايلاندى، ئامما پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھەممە ئىشىنىڭ خەلقنى بېيىتىش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. بۇنىڭ بىلەن مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچى كۈچىيىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، تەرەققىيات ئۈستىدە بىرلىكتە ئىزدەندى.
خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋاڭ جيەنجۈن مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: مېنىڭچە يېزىلاردىكى پۇقرالارنىڭ خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى، يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش ۋە يېڭىچە يېزا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى كۆپرەك سۆزلەش كېرەك. بۇ جۇڭگو يېزىلىرىدىكى پۇقرالارنىڭ ساداسى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمايىل تېلىۋالدى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىلدا ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. بىز يولداش خۇ جىنتاۋ باش سېكرېتارلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش تېما ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياساشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، داۋاملىق يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى