جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:
مائارىپ مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، لياۋنىڭ، شاڭخەي، جياڭسۇ، ئەنخۇي، فۇجيەن، جاڭشى، شەندۇڭ، خېنەن، خۇنەن، گۇاڭشى، خەينەن، چوڭچىڭ قاتارلىق 15 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەسلەتمىسى ئىمزالاپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى ليۇ يەندۇڭ ئالايىتەن يوليورۇق بېرىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى خىزمىتىنى خەلق ئاممىسىغا بەخت يارىتىشتىكى زور خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىپ، ئوقۇش يېشىدىكى ئۆسمۈر بالىلارنىڭ ياخشى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل