جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:
تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى «قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش ۋە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى» ھەققىدە مۇخبىرلار يىغىنى ئاچتى، يىغىنغا خەلق ئىشلىرى مىنىستىرى لى لىگو، مۇئاۋىن مىنىستىر دۇ يۈپېي، جياڭ لى جەمئىيەت كۆز تىككەن قىزىق نۇقتىلار ھەققىدە جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك دېگەن سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، لى لىگو مۇنداق دېدى: مال باھاسى ئۆزگىرىۋاتقان ۋەزىيەتتە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، نەچچە كۈن ئىلگىرى تەرەققىيات، ئىسلاھات كومىتېتى باشچىلىقىدا، خەلق ئىشلار مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق بەش ئورگان بىرلىشىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە تولۇقلىما بېرىش سەۋىيەسىنى مال باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى بىلەن باغلاش ھەققىدىكى بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزىمىنى بېكىتىش توغرىسىدا ھۆججەت ئېلان قىلدى. «قىسقا مۇددەتلىك تەۋرىنىشكە قاراپ قوشۇمچە پۇل تارقىتىش، ئۈزلۈكسىز ئېشىشقا قاراپ ئۆلچەمنى تەڭشەش» پىرىنسىپى بويىچە، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە تولۇقلىما بېرىش سەۋىيەسىنى مال باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى بىلەن باغلاش ھەققىدە بىرلەشمە ھەرىكەتلىك مېخانىزىمىنى بېكىتتى، بۇ ھۆججەت مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ.
دۇ يۈپېي كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى توغرىلىق مەسىلىگە جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، كۈتۈنۈش ئىجتىمائىي مۇلازىمەت سىستېمىسىنى قۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز، بۇ سىستېمىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى: ئولتۇراقلىشىشنى ئاساس، مەھەللىلەرنى تايانچ، كۈتۈنۈش ئورگانلىرىنى تىرەك قىلىپ، مەبلەغ كاپالىتى بىلەن مۇلازىمەت كاپالىتىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇپ، ئاساسىي مۇلازىمەت بىلەن تاللاش خاراكتېرلىك مۇلازىمەتنى بىرلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ باشچىلىقىدا، جەمئىيەت قاتنىشىدىغان، پۈتۈن خەلق ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇلازىمەت سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك تەرەققىيات، ئىسلاھات كومىتېتى بىلەن 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى كۈتۈنۈش ئىجتىمائىي مۇلازىمەت سىستېمىسىنىڭ مەخسۇس پىلانىنى تۈزدى، پات ئارىدا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىپ يولغا قويۇلىدۇ.
تەرجىمان: گۈلبەھرەم مۇختار
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!