ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

ھۆكۈمەت يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئورناتسا دەپ تەكلىپ

2011-يىلى03-ئاينىڭ10-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ شۇ چيۇ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتقا قاراپ چىققاندا دۆلەت يېمەكلىك بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ئورنىتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن ئورۇن ۋە شەخسلەرنى قاتتىق جازالىسا دەپ تەكلىپ بەردى.

ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھەممە ئائىلىلەرنىڭ مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ھۆكۈمەت چوقۇم يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ھۆكۈمەت يېمەكلىك بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ئورنىتىپ، بارلىق مەھسۇلاتلاردىن ئىشلىنىش كىنىشكىسىنى چىقىرىشنى تەلەپ قىلسا، ئالايلۇق يېمەكلىك بىخەتەرلىك مەسىلىسى كۆرۈلسە بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك مەسئۇل كىشىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىسا دەپ تەكلىپ بەردى. ئۇ يەنە دۆلەت يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، يېمەكلىكنى ئىشلەپچىقىرىشتىن تارتىپ سېتىشقىچە بولغان ھەربىر ھالقىنى سۈرۈشتۈرسە، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ئۆتكەلنى چىڭ تۇتسا دەپ تەكلىپ بەردى.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!