جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:
سىياسىي كېڭەش11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنىنىڭ 2-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى 8-مارت چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. 16 سىياسىي كېڭەش ئەزاسى شەھەر بازارلاشتۇرۇش ۋە يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈش، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈستىدە ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى. ۋاڭ گاڭ، بەي لىچېن، ئابلەت ئابدۇرېشىت، لى جاۋجو، خۇاڭ مىڭفۇ، چىيەن يۈنلۇ، ۋەن گاڭ، لى مۇزېيلار يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسى بولدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋېن باش مىنىستىر ۋاڭ چىشەن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت