جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:
سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنى چۈشتىن كېيىن مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالتە ئەزاسىنى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى چۆرىدەپ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جېجياڭ ئۆلكىلىك سودا سانائەت بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى شۈ گۇەنجۈ يېزا ئىگىلىكى پەن-تېخنىكىسى مەسىلىسى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: باشقا كەسىپلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى تەرەققىيات سەۋىيەسى بىلەن نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسى ماسلىشالمايدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب يەنىلا يېزا ئىگىلىكى پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش سەۋىيەسىنىڭ يېتىشەلمىگەنلىكىدە.
ئۇ ھۆكۈمەت سىياسەت چىقىرىپ يېزا ئىگىلىكى پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىدىغان كارخانىلارنى يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، سىياسەت جەھەتتە يېزا ئىگىلىكى پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە يەنىمۇ يېتەكلىسە. تېخىمۇ كۆپ سودا سانائەت كاپىتالىنى يېزا ئىگىلىكىگە سېلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي بايلىق ۋە بىلىملىك ئەربابلارنىڭ يېزا ئىگىلىكى ساھەسىگە ئاتلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرسە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يېزا ئىگىلىكى پەن-تېخنىكا ئېنكۇباتورىنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى پەن-تېخنىكىسى كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ مۇستەقىل ئىگىلىك يارىتىشغا ياردەم بەرسە دەپ تەكلىپ بەردى.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل