جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:
ئىككى يىغىن مەيدانىدا ئۈستىگە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان مىللىيچە كىيىم كىيىۋالغان مياۋزۇ قىز لېيئا يۇۋدو ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ ھەر كۈنى ھەر خىل پاسوندىكى مىللىيچە كىيىملىرىمنى كىيىپ ئىككى يىغىنغا قاتنىشىشىمدىكى سەۋەب ، ھەرگىزمۇ چولپانلارغا ئوخشاش كۆز-كۆز قىلىش بولماستىن، بەلكى ئىككى يىغىندىن ئىبارەت پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكىۋاتقان مۇشۇنداق بىر كاتتا مەرىكە ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى مياۋزۇ مەدەنىيىتىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنى ياخشى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش، بۇ ئارقىلىق ئۇنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ۋە ۋارىسلىق قىلىش.
لېيئا يۇۋدو گۇيجۇ ئۆلكىسى چيەندوڭنەن مياۋزۇ دوڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى خۇاڭپىڭ ناھىيىسىنىڭ بىر چەت يىراق تاغلىق رايونىدا تۇغۇلغان. ئۇ 2008-يىلى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولغاندىن كېيىن، ئىزچىل تۈردە مىللىي مەدەنىيەتنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىپ كەلدى ھەمدە قۇرۇلتايغا قاتناشقان تۇنجى يىلىلا «مىللىي مەدەنىيەتنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش» تەكلىپى بەردى. ھازىر بۇ سىياسەت گۇيجۇ ئۆلكىسىدىكى نۇرغۇنلىغان ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يولغا قويۇلدى. ئۇ ھازىر يۇرتىدا «مىللىي مەدەنىيەتنى دەرسلىككە كىرگۈزگەن» ئۈلگىلىك مەكتەپتىن بىرنى قوللاپ قۇرۇپ، بىر قىسىم ئەلنەغمىچى ۋە كەشتە ئىشلەش ماھىرلىرىنى مەكتەپكە تەكلىپ قىلىپ، بالىلارغا مياۋزۇ ناخشىلىرى ۋە كەشتە ئىشلەشنى ئۆگىتىپ، تەجرىبە توپلىغاندىن كېيىن، ئاندىن ئومۇملاشتۇرماقچى بولۇۋېتىپتۇ.
تەرجىمان: بەختىيار تۇردى