ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

80% ئىستۇدېنت ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە قىزىقىدىكەن

2011-يىلى03-ئاينىڭ10-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو ياش-ئۆسمۈرلەر تور جەمئىيىتى جۇڭگو مىدىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تەكشۈرۈش ئىستاتىستىكا تەتقىق قىلىش ئورنى، جۇڭگو ياشلار تورى، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تورى قاتارلىقلىقلار بىلەن بىرلىكتە، بېيجىڭدا «مەملىكەت بويىچە ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىگىلىك تىكلەش تەتقىقات دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، %80 تەكشۈرۈلگۈچى ئىگىلىك تىكلەشكە قىزىقىدىكەن ھەمدە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق، ئۆز قىممىتىمىزنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ، كىشىلىك ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ، دەپ ھېسابلىغان . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلار يەنە، مەبلەغ، كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە بازار مۇھىتى ئىگىلىك تىكلەشكە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئاساسلىق ئامىل، دەپ ھېسابلىغان ھەمدە بۇ جەھەتتە يېتەكلەش كۇرسلىرىغا ۋە ئالاقىدار ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشلەرگە قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەرجىمان: بەختىيار تۇردى

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!