جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:
2011-يىللىق ئىككى يىغىندا، جۇڭگو بۇددا دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بەنچەن ئېردىنى چۆجىجيېبۇ سىياسىي كېڭەشكە ئىككىنچى قېتىم ئەزاسى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتناشتى. مۇخبىر ئۇنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇ مۇنداق دېدى: باش مىنىستىر ۋېن جياۋباۋنىڭ دوكلاتى ناھايىتى ئەتراپلىق بولدى، ئۇنىڭ ئارىسىدىكى بىزگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغىنى دىنىي ساھەدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال رول ئوينىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بولدى. بۇ كۆپ يىللاردىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ دىنىي ساھەگە زور ئۈمىد كۈتكەنلىكىنى ھەمدە لاما دىنىي ساھەسىدىن زور ئۈمىد كۈتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئەزا بەنچەن مۇنداق دېدى: بۇددا دىنى مېھىر شەپقەت ۋە ئاددىي ساددا بولۇشنى تەرغىب قىلىدۇ. مەن لاما دىنىنىڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى پەيتكە شۇنداقلا ئەڭ ھالقىلىق پەيتكە كىرگەنلىكىنى ھېس قىلدىم. نەچچە مىڭ يىللىق ئىسسىق سوغۇقنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن لاما دىنىنىڭ 21-ئەسىردىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى، خەلقنىڭ بەختلىك بولۇشىنى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىق مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش - لاما دىنىغا ۋارىسلىق قىلىش شۇنداقلا ئۇنى نۇرلاندۇرۇشنىڭ بىردىن بىر يولى. دۆلەت كەلگۈسى بەش يىلدا شىزاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشنى ئوتتۇرغا قويدى، مېنىڭ بۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىل. پۇقرالارنىڭ كۆڭلىنى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، ئۆتكەن بىر يىلدا، مەن شىزاڭنىڭ رىكازې، لاسا، شەننەن ۋە چىڭخەينىڭ يۈشۇ قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولدۇم. ئەلۋەتتە، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ تېخى كۇپايە قىلمايدۇ، مەن يەنە داۋاملىق مەركەزنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ ئارزۇ-ئارمىنىنى چۈشۈنۈپ، سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش مەسئۇلىيىتىمنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزىمەن.
تەرجىمان: ئاراپات ھۈسەنجان
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!