ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

Su-27 ئۇرۇش ئايروپىلانى ئاتىسى ۋاپات بولدى

2011-يىلى03-ئاينىڭ06-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
  Su-27 ئۇرۇش ئايروپىلانى ئاتىسى ۋاپات بولدىSu-27 ئۇرۇش ئايروپىلانى ئاتىسى ۋاپات بولدى مىخائىل پېتېروۋىچ سىمونوۋ(Mikhail Simonov)
روسىيە سۇخوي(Sukhoi) ئاۋىئاتسىيە گۇرۇھى لاھىيلەش ئىدارىسىنىڭ سابىق باش رەئىسى، Su-27 يۈرۈشلۈك ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئاتىسى دېگەن نامغا ئىگە بولغان مىخائىل پېتېروۋىچ سىمونوۋ 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 81 يېشىدا ۋاپات بولغان. مىخائىل سىمونوۋ 1920-يىلى10-ئاينىڭ 19-كۈنى تۇغۇلغان. 1983-يىلى سۇخوي لاھىيلەش ئىدارىسىنىڭ باش رەئىسى بولغان. ئۇ Su-24 تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلاننى، Su-25 تىپلىق ھۇجۇمچى ئايروپىلاننى تەتقىق قىلىشقا قاتناشقان، ئەمما ئۇ Su-27 كۈرەشچى ئايروپىلانىنى لاھىيلەش بىلەن دۇنياغا داڭ چىقارغان.
Su-27 كۈرەشچى ئايروپىلان ئۇرۇش قىلىش دائىرىسى كەڭ، ھەركەتچانلىقى كۈچلۈك، سۈرئىتى تېز بولۇشتەك ئىقتىدارى بىلەن داڭلىق بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ F-15 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانى بىلەن تەڭلىشەلەيدۇ. Su-27 كۈرەشچى ئايروپىلانى تۈز ئۇچۇپ كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىز بېشىنى ئاسمانغا قارىتىپ، « كۆز ئەينەكلىك يىلان ھەركىتى » نى ئورۇنلىيالايدۇ. بۇ يۇقىرى قىيىنلىقتىكى ھەركەت Su-27 يۈرۈشىدىكى كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى خەلقئارالىق ئاۋىئاتسىيە يەرمەنكىلىرىدە چولپانغا ئايلاندۇرغان.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ قارىشىغا ئاساسلانغاندا، Su-27 يۈرۈشىدىكى ۋە MiG يۈرۈشىدىكى كۈرەشچى ئايروپىلانلار، كالاشىنكوف ئاپتوماتى روسىيە قورال ياساش سانائىتىنىڭ ئۈچ چوڭ ۋەكىللىك مەھسۇلاتى ئىكەن.
1999-يىلى، مىخائىل سىمونوۋ « روسىيە فېدراتسىيىسىنىڭ قەھرىمانى » دېگەن نامغا ئېرىشكەن.
مەنبە: سۇمرۇغ تورى    
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!