جۇڭگو يەر شارى تورىنىڭ 6-مارت خەۋىرى: فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىرىپولى شەھەرىنىڭ مەركىزىي رايونىدىن 6-مارت ئەتىگەندە ئېغىر تىپتىكى پىلموت ئاۋازلىرى ئاڭلانغان. خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ئوق ئاۋازى ئاڭلىنىشتىن ئىلگىرى بۇ رايوندا زوراۋانلىق ۋەقەسى نىسبەتەن ئاز يۈز بەرگەن ئىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، نۆۋەتتە ئوق ئاۋازىنىڭ كونكرېت ئورنى تېخى ئېنىق ئەمەسكەن، ئەمما پايتەخت يېشىل مەيدانغا يىراق بولمىغان بىر رېستۇراندىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. قازافىنىڭ ھۆكۈمەت ئارمىيىسى پايتەختنى قاتتىق كونترول قىلىۋاتقان بولۇپ، توپىلاڭچىلار شەرقتىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر بىن غازىنى كونترول قىلىۋاتىدۇ.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لىۋىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى تانكىلار بىلەن پايتەختكە يىراق بولمىغان جايدا 6-مارت سەھەرگىچە كەسكىن جەڭ قىلغان، تىرىپولىدا توختىماي ئوق ئاۋازلىرى ئاڭلانغان. توپىلاڭچىلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇدا كەسكىنلىشىۋاتقان زوراۋانلىق ئۇرۇشى نەچچە ھەپتە ياكى نەچچە ئاي داۋاملىشىدىكەن، ۋەزىيەت بارغانسېرى « ئىچكى ئۇرۇش » قا يېقىنلاشقان.
مەنبە: يەر شارى تورى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!