جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:
جۇڭگودا «ئىككى يىغىن» ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدە، چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى، مۇتەخەسسىس ئالىملار ۋە سىياسىي ئەربابلار ئىككى يىغىن ۋە خەلق تۇرمۇشىغا يېقىندىن دىققەت قىلدى. جۇڭگو ئەمەلدارىنىڭ مىكرو بىلوگ ئېچىپ ئەل رايى توپلاشتىن بەختلىك جۇڭگو قۇرۇشقىچە، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش مەركىزىنى خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە يۆتكەشكىچە، ئۇلار ھەممىسىگە كەڭ دائىرىدە دىققەت قىلدى ۋە ئىجابىي باھا بەردى. سىنگاپوردا چىقىدىغان «بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىت»نىڭ تۈنۈگۈنكى ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلدى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن يىغىندا خىزمەت دوكلاتى بەرگەندە، سىياسىي كېڭەش بۇ يىل يېڭى يول، يېڭى ۋاسىتە ئۈستىدە ئىزدىنىپ، سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە ساھەلەرنىڭ ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش خىزمەت مېخانىزمىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى يىراق شەرق تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي مەسىلىلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئاندرىي ئوستىروۋىسكىي مۇنداق دېدى: گەرچە ئارىلىقىمىز يىراق بولسىمۇ، لېكىن ئىنتېرنېت قاتارلىقلار ئارقىلىق جۇڭگونىڭ «ئىككى يىغىنى»نىڭ ئەھۋالىدىن دەل ۋاقتىدا، توغرا خەۋەر تېپىپ تۇرۇۋاتىمىز، ھەتتا «ئىككى يىغىن»نى بىۋاسىتە كۆرۈۋاتىمىز.
گېرمانىيەدە چىقىدىغان ياۋروپا يېڭى گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى فەن شۈەن: جۇڭگونىڭ ھازىرقى سىياسىي يۈزلىنىشىگە ئاساسەن، خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ئالدىنقى قاتاردىكى مەسىلە بولىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرىمەن، دېدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا