جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:
مىسىر قوراللىق قىسمى ئالىي كومىتېتى تۈنۈگۈن: 19-مارت ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشنى قارار قىلدى، دەپ جاكارلىدى. مىسىر ئوتتۇرا شەرق ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش شۇ يەر ۋاقتى 19-مارت سائەت سەككىزدە باشلىنىپ، سائەت 19دە ئاياغلىشىدىكەن.
مىسىر ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش كومىتېتىنىڭ رەئىسى بىسلى 26-فېۋرال ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالىنى ئېلان قىلغان. تۈزىتىلىدىغان مەزمۇن پىرېزىدېنت نامزاتى سالاھىيىتى، پىرېزىدېنتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى، سايلام ئەدلىيە نازارەتچىلىكى، پارلامېنت ئەزالىق سالاھىيىتىنى بېكىتىش، مۇئاۋىن پىرېزىدېنتنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە جىددىي ئەھۋال قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى تەنتاۋى رەھبەرلىكىدىكى قوراللىق قىسىم ئالىي كومىتېتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېرىم يىلدىن كېيىن پارلامېنت ۋە پىرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئارقىدىن ھوقۇق خەلق سايلاپ چىققان ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا