ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ بو قاتارلىق رەھبەرلەر مۇراسىمدا لېنتا كەسمەكتە
ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز پولات نىياز ، سائادەت ئابدۇۋېلى خەۋىرى ، فوتوسى : يېقىندا ، چەرچەن ناھىيەسى 2011–يىللىق ‹‹ئون چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى››غا ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى . مۇراسىمغا بايىغولىن ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ بو ، ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يۆ شىيۇچېڭ ، ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىن تۇرسۇن قاتارلىق ئوبلاست ۋە چەرچەن ناھىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى ، ناھىيەگە بىۋاستە قاراشلىق ئورۇن–تارماقلارنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلىرى ، چەرچەن ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى ، تەپتىش مەھكىمىسى ، سودا–سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ، دۆلەتلىك باج ئىدارىسى ، يەرلىك باج ئىدارىسى، جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى، خەلق قوراللىق بۆلۈمى ، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ چەرچەندە تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىدىن بولۇپ جەمئىي 500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى .
ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىن تۇرسۇن ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلماقتا
چەرچەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جۇ شىن سۆز قىلماقتا
چەرچەن ناھىيەسىنىڭ ‹‹ئون چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى›› كونكرېت تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
خەلقنى ماكانلاشتۇرۇپ بېيىتىش — يەنى خەلقنى ماكانلاشتۇرۇپ بېيىتىش قۇرۇلۇش قەدىمىنى تېزلىتىش ، ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدىن 8427 يۈرۈشنى تاماملاش پىلان قىلىندى . مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىق رايونىنى گۈللەندۈرۈش ـــــ يەنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىق رايونىنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتى قەدىمىنى تېزلىتىپ ، 2010–يىلىدىن باشلاپ ئۈچ يىل سەرپ قىلىپ ، چارۋىچىلىق رايونىدىكى ئۈچ يېزا ، ئىككى مەيداندىكى 1700 ئائىلە چارۋىچىنى تۈركۈمگە بۆلۈپ كوللېكتىپ كۆچۈرۈپ ، ئېكولوگىيەلىك كۆچمەنلەرنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش رايونىدىن تۆتنى يېڭىدىن قۇرۇش پىلانلاندى ، بۇنىڭغا ئومۇمىي سېلىنىدىغان مەبلەغ 405 مىليون 650 مىڭ يۈەن . ئوتتۇرا تارىم ـــ چەرچەن 220 كىلوۋاتلىق تىرانسىفورماتور قۇرۇلۇشى ـــــ قۇرۇلۇش 2010–يىلى ئۆكتەبىردىن باشلانغان بولۇپ ، بۇ يىل ئىيۇلدا تاماملىنىش مۆلچەرلەندى ، قۇرۇلۇشقا سېلىنىدىغان ئومۇمىي مەبلەغ 527 مىليون . ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي قۇرۇلۇشى ـــــ بۇ يىل ھۆكۈمەت ئىجارىلىك ئۆيدىن 165 يۈرۈش ، ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيدىن 274 يۈرۈش سېلىشنى پىلانلىدى ، قۇرۇلۇش ئومۇمىي كۆلىمى 16مىڭ 440 كىۋادىرات مېتىر ، قۇرۇلۇشقا سېلىنىدىغان ئومۇمىي مەبلەغ 21مىليون 783 مىڭ يۈەن . شەھەر–بازارلارنىڭ ئىچىملىك سۈيى قۇرۇلۇشى ــــ چەرچەن ناھىيەسىنىڭ شەھەر–بازارلار ئىچىملىك سۈيى قۇرۇلۇشىغا سېلىنىدىغان ئومۇمىي مەبلەغ 30 مىليون 890 مىڭ يۈەن بولۇپ ، يېڭىدىن سۇ زاۋۇتىدىن بىرى قۇرۇلىدۇ ، سۇ مەنبەسى بار جايلاردا سۇ مەنبەسى قۇدۇقىدىن بەشى كولىنىدۇ ، سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا يولىدىن 24 مىڭ 850 مېتىر ياتقۇزۇلىدۇ (يېڭىدىن ياسىلىدىغان سۇ كىرگۈزۈش تۇرۇبا يولى 8000 مېتىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ، يېقىن مەزگىللىك سۇ بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى كۈنىگە 9700 كۇب مېتىر بولىدىغان، يىراق مەزگىللىك سۇ بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى كۈنىگە 19 مىڭ 400 كۇب مېتىر بولىدىغان قىلىپ لايىھەلىنىدۇ . ئىجتىمائى پاراۋانلىق مۇلازىمەت مەركىزى ــــ چەرچەن ناھىيەلىك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مۇلازىمەت مەركىزى مەدەنىيەت شەرقى يولىنىڭ شىمال تەرىپىگە ، ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇدۇلىغا قۇرۇلۇش پىلانلانغان بولۇپ ، پىلاندىكى ئومۇمىي سېلىنىدىغان مەبلەغ 18مىليون يۈەن ، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى دەرىجىلىكتىن قولغا كەلتۈرۈلگەن مەبلەغ 13 مىليون ، ناھىيە مالىيەسىدىن چىقىرىلىدىغىنى بەش مىليون يۈەن . خەلق باغچىسى ــــ چەرچەن ناھىيەلىك خەلق باغچىسى ئەيتا شىمالىي يولىنىڭ غەربىي تەرىپىدە بولۇپ ، چەرچەن ناھىيەلىك پارتكوم–ھۆكۈمەت بىرلەشمە بىناسى بىلەن چەرچەن ناھىيەلىك تارىخى موزېينىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرا كېلىدۇ. تۈرگە سېلىنىدىغان ئومۇمىي مەبلەغ تەخمىنەن 29 مىليون 750 يۈەن، ئىگىلىگەن كۆلىمى 8.5 گېكتار كېلىدۇ . 2–باشلانغۇچ مەكتەپ ــــ چەرچەن ناھىيەلىك 2–باشلانغۇچ مەكتەپ قۇرۇلۇش تۈرىگە 48 مىليون 787 مىڭ 200 يۈەن مەبلەغ سېلىنىش پىلانلانغان بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە ، ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئۆيلەرگە سېلىنىدىغان مەبلەغ 26 مىليون 787 مىڭ 200 يۈەن ، مەيدان ، مەكتەپ ھويلىسى ئىچىدىكى مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇشلارغا سېلىنىدىغان مەبلەغ 14مىليون 500 مىڭ يۈەن ، مەكتەپكە سەپلىنىدىغان مۇناسىۋەتلىك ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىگە سېلىنىدىغان مەبلەغ 7مىليون 500 مىڭ يۈەن . مىللىي–خەنزۇ بالىلار باغچىسى ــــ چەرچەن ناھىيەلىك مىللىي–خەنزۇ بالىلار باغچىسى قۇرۇلۇش تۈرىگە 17مىليون 554 مىڭ 500 يۈەن مەبلەغ سېلىنىش مۆلچەرلەندى ، بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئۆيلەرگە سېلىنىدىغان مەبلەغ 12مىليون 707 مىڭ يۈەن ، بالىلار باغچىسىنىڭ ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ، بالىلار ئاممىۋى پائالىيەت مەيدانى، مەكتەپ ھويلىسىنى كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق مەكتەپنىڭ قۇشۇمچە ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا سېلىنىدىغان ئومۇمى مەبلەغ 4مىليون 847 مىڭ 500 يۈەن . كۇنيۈ ئونىۋېرىسال دېھقانچىلىق بازىرى ـــ چەرچەن ناھىيەلىك ‹‹كۇنيۈ›› ئۇنىۋېرىسال دېھقانچىلىق بازىرىنىڭ قۇرۇلۇش تۈرى ناھىيەلىك ئەيتا شىمالىي يولىنىڭ (ئەسلىدىكى خۇرۇم زاۋۇتى) شەرق تەرىپىدە بولۇپ ، شەرقتە جىيايۈەن رايونىغا ، غەربتە ئەيتا شىمالى يولىغا ، جەنۇبتا ناھىيەلىك دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى تېخنىكىسى مەكتىپىگە ، شىمالدا شىمالىي ئايلانما يولغا تۇتۇشىدۇ ، پىلانلانغان ئومۇمىي مەبلەغ 12مىليون 480 مىڭ يۈەن ، ئىگىلىگەن كۆلىمى 73مىڭ 872 كىۋادىرات مېتىر كېلىدۇ .
چەرچەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جۇ شىن بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ بو قاتارلىق رەھبەرلەرگە تۈرلەرنى چۈشەندۈرمەكتە