3 ــ مارت كەچ ، ‹‹ ياخشىمۇ سىز ، نەسىردىن ئەپەندىم ›› ناملىق چوڭ تىپتىكى مۇزىكىلىق سېرك دىرامىسى شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسىدا ئوينالدى . بۇ ‹‹ ياخشىمۇ سىز ، نەسىردىن ئەپەندىم ›› دىرامىسىنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ ئويۇن كۆرسىتىشتىن ئىلگىرىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئويۇن كۆرسۈتۈشى بولۇپ ، بۇ دىراما 12 ــ ، 13 ــ مارت كەچ بېيجىڭدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ، سىياسىي كېڭەش ۋەكىللىرىنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلىدىكەن .
شىنجاڭ سېرك ئۆمىكى پارتكومىنىڭ شۇجىسى سەي شياۋرۇڭنىڭ تونۇشتۇرىشىچە ، چوڭ تىپتىكى مۇزىكىلىق سېرك دىرامىسى ‹‹ ياخشىمۇسىز ، نەسىردىن ئەپەندىم ›› تۆت يىل جاپالىق مەشىق ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن بولۇپ ، 2009 ــ يىل يانۋاردىن 2010 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە جەمئىي 172 مەيدان ئوينالغان ھەمدە بۇ دىرامىنى كۆرگەن تاماشىبىنلارنىڭ سانى 130 مىڭدىن ئاشقان . 2011 ــ يىل 1 ــ يانۋار بۇ دىراما دۆلەتلىك سەھنە ماھارىتى ئېسىل مەھسۇلاتلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ نۇقتىلىق ياردەم بېرىدىغان ئويۇن تىزىملىكى قاتارىغا كىرگەن . بۇ 60 يىلدىن بۇيان ، شىنجاڭدىكى كەسپىي ئۆمەكلەرنىڭ تۇنجى بولۇپ بۇ شەرەپكە ئېرىشىشى ھېسابلىنىدىكەن .