ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

لىۋىيە توپىلاڭچىلىرى ئەنگىلىيەنىڭ 8 نەپەر ئەسكىرى ۋە ۋە بىردېپلوماتىنى ئەسىرگە ئالدى

2011-يىلى03-ئاينىڭ06-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
  لىۋىيە توپىلاڭچىلىرى ئەنگىلىيەنىڭ 8 نەپەر ئەسكىرى ۋە ۋە بىردېپلوماتىنى ئەسىرگە ئالدىلىۋىيە توپىلاڭچىلىرى ئەنگىلىيەنىڭ 8 نەپەر ئەسكىرى ۋە ۋە بىر نەپەر دېپلوماتىنى ئەسىرگە ئالدى
جۇڭگو يەر شارى تورىنىڭ 6-مارت خەۋىرى: فرانسىيە ئاگېنتلىقى خەۋەر قىلىشىچە، « يەكشەنبىلىك تايمىس گېزىتى » نەقىل قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەنىڭ ئالاھىدە قىسىم ئەسكەرلىرى لىۋىيەنىڭ شەرقىي قىسىمىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا لىۋىيە توپىلاڭچىلىرىنىڭ ئەسىرىگە چۈشۈپ قالغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئەسىرگە ئېلىنغان ئەنگىلىيە ئەسكىرى 8 نەپەر بولىشى مۇمكىن ئىكەن، ئەسىرگە ئېلىنغانلار ئىچىدە يەنە بىر دېپلوماتىيە ئەمەلدارى بار ئىكەن. ئەسكەرلەر بۇ دېپلوماتنى توپىلاڭچىلار كونتروللىقىدىكى شەرقىي رايونىدا قوغداپ ماڭغاندا ئەسىرگە چۈشكەن.
ئەنگىلىيە دېپلوماتىيە مىنسىتىرلىكىنىڭ ئەمەلدارى فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، يۇقىرىقى ئۇچۇرنى « ئىسپاتلىغىلىمۇ ھەم ئىنكار قىلغىلىمۇ بولمايدۇ » دېگەن، ئەنگىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرلىكى بۇ ئىشقا باھا بەرمىگەن، ئادەتتە ئۇلار ئالاھىدە ھەربىي ھەركەتلەرگە باھا بەرمەيدىكەن.
ئەنگىلىيە گېزىتلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، لىۋىيە توپىلاڭچىلىرى چەتئەل ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ تەكلىپسىزلا كەلگەنلىكىدىن « غەزەپلەنگەن »، ئالاھىدە قىسىم ئەسكەرلىرىنىڭ بازانىڭ ئىچىگە قاماپ قويۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. توپىلاڭچىلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇلار بۇ بۇ ئىشنىڭ « قازافىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، چەتئەلنىڭ ھەربىي ئارىلىشىشغا قارشى تۇرۇشى » دىكى ئىسپات بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. بىر ئەسكەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇلار دېپلوماتنىڭ توپىلاڭچىلار بىلەن ئۇچرىشىشىنى قوغدايدىكەن.
ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامېيرون ئالدىنقى ھەپتە غەرب دۆلەتلىرى چوقۇم لىۋىيە توپىلاڭچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارنىڭ مەقسىتىنى تېخىمۇ چۈشىنىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
مەنبە: يەر شارى تورى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!