يەر شارى تورىنىڭ 1-مارت خەۋىرى: ئامېرىكا سودا ۋەكىللىرى باشقارمىسى يېقىندا « يامان ئاتاقلىق بازارلار » تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ، يەر شارىدىكى « قانۇنسىز نەشىر بۇيۇملىرى ۋە ساختا ۋە ناچار مەھسۇلاتلارنى سېتىشقا ياردەم بەرگەن » 30 نەچچە تور ۋە ئەمەلىي بازارلارنى رەتكە تىزغان. بەيدۇ، تاۋباۋ، ئەلى بابا ۋە بېيجىڭ شيۇشۇي كوچىسى (秀水街) قاتارلىقلار ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان.
ئامېرىكا Bloomberg ئاخبارات ئاگېنتلىقى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى خەۋەر قىلىپ، ئامېرىكا سودا ۋەكىللىرى باشقارمىسىنىڭ بۇ 30 نەچچە بازارنىڭ بىلىم-مۈلۈك ھوقوقى ۋە پاتىنېت ھوقوقى قوغداشقا ئېرىشكەن تاۋارلارنى ۋە ئەشيالارنى قانۇنسىز سېتىشقا ياردەم بەرگەن، « يەر شارىدىكى كارخانا ۋە شېركەتلەرنى زىيانغا ئۇچراتقان » لىقىنى دېگەن؛ « يامان ئاتاقلىق بازارلار » رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلىشنىڭ مەقسىتى يەرلىك دائىرىلەرگە ياردەملىشىپ، بىلىم-مۈلۈك ھوقوقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشغا زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، تىزىملىكتە 17 ئەمەلىي بازار ۋە ئون نەچچە تور بازىرى بار ئىكەن، شېۋىتسىيەنىڭ ھۆججەت ھەمبەھىر بولۇش تورى PirateBay ، يانفۇن كۆڭۈل ئېچىش تورى 91.com، روسىيەنىڭ ھۆججەت چۈشۈرۈش تورى Rutracker قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئەمما جۇڭگو بازارلىرىنىڭ بۇ تىزىملىكتىكى نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى ئىكەن. جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىزدەش ماتورى شېركىتى بەيدۇ، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ تور سودا سېستىمىسى ئەلى بابا ۋە بىر قانچە ئەمەلىي بازارلار بۇ تىزىملىكنىڭ ئالدىدا تۇرغان.
« مەبلەغ سالغۇچىلار ھەمىشە ساختا ۋە ناچار مەھسۇلاتلاردىن ئەندىشە قىلىدۇ ». ئامېرىكا مەبلەغ سېلىش شېركىتى ThinkEquity نىڭ بىر تەھلىلچىسىنىڭ دېيىشىچە، « جۇڭگودا مۇنداق ناچار ۋە ساختا مەھسۇلاتلارنىڭ مەجۇتلۇق دەرىجىسى ئامېرىكا كارخانىلىرىدىن كۆپ يۇقىرى ئىكەن ».
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بەيدۇ خېرىدارغا « چوڭقۇر ئۇلانما » تەمىنلەيدىكەن، خېرىدار مەلۇم تور بەتنىڭ ئالاھىدە بەلگىلەنگەن يۈزىگە بىۋاستە چىقىپ، بىلىم-مۈلۈك ھوقوقى ئىگىسى رۇخسەت قىلمىغان تاۋارنى سېتىۋالالايدىكەن. تاۋباۋ تورى گەرچە بىلىم-مۈلۈككە دەخلى قىلغان تاۋارلارنىڭ تور بەت يۈزىدە كۆرۈلۈش دەرىجىسىگە زور دەرىجىدە زەربە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ مەسىلىنى تەلتۆكۈس تۈگىتىش ئۈچۈن « يەنە ناھايىتى ئۇزۇن يولنى بېسىشى كېرەك » ئىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، بېيجىڭدىكى شىيۇشۇي كوچىسىمۇ ساختا تاۋارلار ۋە سانائەت مەھسۇلاتلىرى ياسايدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ مەملىكەتتە تارقىلىپ يۈرۈشى « ئالاھىدە گەۋدىلىك مىسالى » دېيىلگەن. مەنبە: يەر شارى تورى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!