ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك11–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ4–يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2011-يىلى03-ئاينىڭ04-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

خۇ جىنتاۋ ، ۋۇ باڭگو ، ۋېن جياباۋ ، لى چاڭچۈن ، شى جىنپىڭ ، لى كېچياڭ ، خې گوچياڭ ، جۇ يۇڭكاڭ يىغىنغا قاتنىشىپ تەبرىكلىدى

 جيا چىڭلىن سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى ، ۋاڭ جىجېن تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى ، ۋاڭ گاڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

  سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك11–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ4–يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – مارت تېلېگراممىسى. يېڭى پەللىدىن يېڭى مۇساپە باشلاندى، يېڭى نىشان يېڭى بۇرچ يۈكلىدى. جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 – يىغىنى 3 – مارت چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا ئېچىلدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئون كۈندە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيە – گۇرۇھلار، تەشكىلاتلاردىن كەلگەن، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىن بولغان ئەزالىرى 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلان تېزىسى لايىھەسى ۋە ئالاقىدار دوكلارتلارنى، دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ فۇنكسىيەسىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، ئاكتىپ چارە – تەدبىر كۆرسىتىدۇ.

    مارت ئايلىرىدىكى بېيجىڭ قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن بولۇپ، باھار تۈسى ئالغانىدى. ‹‹خەلق›› سارىيىدا چىراغلار چاقنىغان، رەڭگا – رەڭ گۈللەر تىزىلغانىدى.

    مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ۋاڭ گاڭ، ۋاڭ خۇي، دۇ چىڭلىن، پابالا گېلىلاڭجيې، بەي لىچېن، چېن كۈييۈەن، ئابلەت ئابدۇرېشىت، لى جاۋخۇي، خۇاڭ مېڭفۇ، دۇڭ جيەنخۇا، جاڭ مېييى، جاڭ رۇڭمىڭ، چيەن يۈنلۇ، سۈن جياجېڭ، لى جىنخۇا، جېڭ ۋەنتۇڭ، دېڭ پۇفاڭ، ۋەن گاڭ، لىن ۋېنيى، لى ۋۇۋېي، لو فۇخې، چېن زۇڭشىڭ، ۋاڭ جىجېن، خې خۇخۇا رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

    پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن خۇ جىنتاۋ، ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، لى چاڭچۈن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، خې گوچياڭ، جۇ يۇڭكاڭ رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

    سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 – يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ئەزا 2260 كىشى، ئەمەلىي قاتناشقىنى 2182 كىشى بولۇپ، قانۇندا بېكىتىلگەن ئادەم سانىغا توشىدۇ.

    ۋاڭ گاڭ چۈشتىن كېيىن سائەت 3 (بېيجىڭ ۋاقتى) تە يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى، ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ دۆلەت شېئىرى ئېيتتى.

    يىغىندا ئالدى بىلەن سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 – يىغىنىنىڭ قارالمىلىرى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

    جيا چىڭلىن سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: 2010 – يىلى ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى تولىمۇ ئۆزگىچە بىر يىل بولدى. بۇ بىر يىلدا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ۋەتەنپەرۋەرلىك، سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تېمىنى ئىگىلەپ، مۇناسىۋەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش، كۈچنى مۇجەسسەملەش، چارە – تەدبىر كۆرسىتىش، ئومۇمىيلىققا مۇلازىمەت قىلىش مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئىلمىي تۈزۈش، ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېلىمىزنىڭ چەت ئەللەر بىلەن بولغان دوستلۇق ئالاقىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ياراتتى.

    جيا چىڭلىن: 2011 – يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى، شۇنداقلا ‹‹12 – بەش يىل››نىڭ باشلىنىش يىلى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ج ك پ 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەز ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىشنى فۇنكسىيەنى ئادا قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەت بىلىپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئۆز قۇرۇلۇشىنىڭ نىشانى قىلىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، سىياسىي جەھەتتە ياخشى كېڭىشىپ، دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى ئاكتىپ، مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنى پۇختا، ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹12 – بەش يىل››نى ياخشى باشلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشۇشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

    ۋاڭ جىجېن سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 – يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى. بىر يىلدىن بۇيان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەشكە ئەزا ئورۇنلار ۋە مەخسۇس كومىتېتلار جەمئىي 5678 تەكلىپ تاپشۇردى، تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىش ئارقىلىق 5300 تەكلىپ تۇرغۇزۇلدى. 2011 – يىلى 20 – فېۋرالغىچە، 5273 تەكلىپ بېجىرىلىپ ۋە جاۋاب قايتۇرۇلۇپ، تۇرغۇزۇلغان تەكلىپ ئومۇمىي سانىنىڭ %99.49ىنى ئىگىلىدى.

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا چەتتىن قاتناشتى. چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى يىغىننى سىرتتىن ئاڭلىدى.

 

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك11–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ4–يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر