ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

بىرازىلىيە دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىدا ئاسىياغا 4.5 سان تەگدى

2011-يىلى03-ئاينىڭ04-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-مارت بېيجىڭ خەۋىرى: ئىككى كۈن داۋاملاشقان خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ يىغىنى 3-مارت يېپىلدى. خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى 2014-يىللىق خەلقئارا دۇنيا لوڭقىسى ئەرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ سان تەقسىماتىنى ئېلان قىلدى. ئاسىيا 4.5 ساننى ساقلاپ قالدى. ياۋروپاغا 13 سان، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىگە 4.5 سان تەگدى. ساھىبخان دۆلەت بىرازىلىيە بىۋاسىتە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان بولدى. ئافرىقىغا 5 سان، ئوكيانىيەگە 0.5 سان، شىمالىي ئوتتۇرا ئامېرىكا ۋە كارىب دېڭىزى رايونىغا 3.5 سان تەقسىم قىلىندى.   تەرجىمان: بەختىيار تۇردى  
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!