ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

تۇنجى F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانى كەلگۈسى ئىككى ئايدا ئامېرىكا ئارمىيىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ

2011-يىلى03-ئاينىڭ05-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
  تۇنجى F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانى كەلگۈسى ئىككى ئايدا ئامېرىكا ئارمىيىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ تۇنجى F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانى كەلگۈسى ئىككى ئايدا ئامېرىكا ئارمىيىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 5-مارت خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گايتىس 4-مارت ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد ئىلغار ئۇرۇش ئايروپىلانى F-35 نىڭ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرىنى ئاشكارلىغان، تۇنجى « مەشىق نۇسخىسى » دىكى F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ كەلگۈسى ئىككى ئاي ئىچىدە ئامېرىكا ئارمىيىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
گايتىس شۇ كۈنى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە ئىنىستۇتىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۆلىنىشىنى تەپسىلىي شەرھىيلىگەن. ئۇ زور مىقداردا ئىلغار 5-ئەۋلاد ئۇرۇش ئايروپىلانىغا ئىگە بولۇش ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ساقلاپ قېلىشقا كاپالەتلىك قىلىشتىكى يادروسى دەپ كۆرسەتكەن، شۇڭا خام چوت قىسقىرىغان بولسىمۇ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرلىكى يەنىلا F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانىغا بولغان تەتقىقات سېلىنمىسىنى ئاشۇرىدىكەن.
روبېرت گايتىسنىڭ بىلدۈرىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرلىكى 300 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىپ، 2400 دانە F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىۋېلىشنى پىلانلىغان. گايتىس:« ھاۋا ئارمىيەنىڭ بىرىنچى مەشىق ئايروپىلانى ئىككى ئاي ئىچىدە Eglin ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا بارىدۇ » دېگەن. Eglin ھاۋا ئارمىيە بازىسى ئامېرىكىنىڭ فلورىدا شىتاتىغا جايلاشقان،2010-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى تاللىغان بىرىنچى تۈركۈم F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانى ئۇچقۇچىلىرى ۋە يەر يۈزى خادىملىرى مەزكۇر بازىدا ئىزچىل مەشىقلىنىپ، F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانىنى قانداق مەشغۇلات قىلىش ۋە ئاسراشنى ئۆگەنگەن.
گايتىش نۇتۇقىدا مەشىق نۇسخىسىدىكى F-35 ئايروپىلانىنىڭ تاپشۇرۇپ بېرىش ۋاقتىدىن باشقا تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارلىمىغان. ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىلگىرى ئېلان قىلغان پىلانغا ئاساسلانغاندا، 2014-يىلىغا بارغاندا، Eglin ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا ئاز دېگەندە 59 دانە « مەشىق نۇسخىسى » دىكى F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە ئىككى مىڭ ئىنسترۇكتۇر بولىدىكەن، 2011-يىلى ئەنگىلىيەدىن كەلگەن تۇنجى تۈركۈم چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار F-35 ئايروپىلانى تەربىيلەشكە قاتنىشىدىكەن.
مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات تورى    ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانى مۇھىم سىناقنى تاماملىدى، سائەتلىك سۈرئىتى 1500 كىلومېتىرغا يېتىدۇ ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى F-35 كۈرەشچى ئايروپىلان تەتقىقاتىدا مۇھىم ئىلگىرلەشكە ئېرىشتى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!