ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

بۇرۇندى پىرېزىدېنتى ئېلىمىز تاشقى ئالاقە بۆلىمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيارۈي بىلەن ك

2011-يىلى03-ئاينىڭ04-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-مارت خەۋىرى:

بۇرۇندى پىرېزىدېنتى نىكۇرۇنزىزا 3-مارت پىرېزىدېنت مەھكىمىسىدە، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلىمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيارۈي باشچىلىقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى. نىكۇرۇنزىزا جۇڭگونىڭ ئۇزۇندىن بۇيان بۇرۇندىنى قوللاپ ۋە ياردەم بېرىپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئىجابىي باھا بەردى. ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىي ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋاڭ جيارۇي 3-مارت چۈشتىن بۇرۇن، دېموكراتىك كۈچنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئېنگېنداكۇما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

تەرجىمان: بەختىيار تۇردى

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!