3 ــ مارت سەھەردە ، برازىلىيە پۇتبول جەمئىيىتى رونالدو ئۈچۈن بىر مەيدان خوشلىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى . بۇ مەيدان مۇسابىقە بۇ يىل 7 ــ ئىيۇن برازىلىيەنىڭ سان پاۋلۇ ئىشتاتىدا ئۆتكۈزىلىدىكەن .
رونالدو 14 ــ فېۋرال كەسپىي پۇتبول ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ ، ئارقىدىنلا برازىلىيە پۇتبول جەمئىيىتىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن بىر مەيدان خوشلىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلغان .
برازىلىيە پۇتبول جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى Teixeira مۇنداق دېدى : رونالدو بۇ شەرەپكە مۇناسىپ كېلىدۇ ، نۇرغۇن توپ مەستانىلىرى ئۇنىڭ قايتىدىن برازىلىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ كىيىمىنى كىيىپ مۇسابىقىگە چۈشىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ . مەن بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ رونالدونىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر مەيدان مۇسابىقە ۋە يىغىلىش بولۇپ قىلىشىغا ئىشىنىمەن .
رونالدو بۇ يىلى 34 ياشقا كىرگەن بولۇپ ، 1998 ــ يىلى 17 يېشىدا تۇنجى قېتىم برازىلىيە دۆلەت كوماندىسىغا تاللانغان . ئىلگىرى تۆت قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بولۇپ ، ئىككى قېتىم چېمپىيون ، بىر قېتىم ئىككىنچى بولغان . رونالدو دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە جەمئىي 15 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن پۇتبولچى ھېساپلىنىدۇ .