جۇڭگو يەر شارى تورىنىڭ 5-مارت خەۋىرى: ئامېرىكا CNN تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لىۋىيە ۋەزىيىتى داۋاملىق يامانلاشقان ھەمدە ئىچكى ئۇرۇشقا قاراپ ماڭغان، ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن توپىلاڭچىلار ئوتتۇرىسىدىكى زوراۋانلىق ۋە ئۆلۈم-يېتىمگە ئالاقىدار ھەر خىل خەۋەرلەر ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇردى. قازافىنىڭ ئوغلى سەيىف 4-مارت كەچتە زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، لىۋىيەدە نۆۋەتتە ئىچكى ئۇرۇش يۈز بەرمىگەنلىكىنى، ئەمما توپىلاڭچىلار لىۋىيەنى ئىچكى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لىۋىيە ئارمىيىسى 4-مارت مۇھىم نېفىت بازىرى بېرېگا بىلەن ئەجدابىيەگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان، توپىلاڭچىلار ئارمىيىسى 2-مارتتىن بۇيان 10 نەپەر ھۆكۈمەت ئەسكىرىنى تىرىك تۇتۇۋالغانلىقىنى جاكارلىغان. قازافى ئارمىيىسى پايتەختنىڭ غەربىدىكى زەۋىيەھ پورتىغا قايتۇرما ھۇجۇم قىلغان، يەرلىكتىكى داۋالاش تولۇقلىمىسى ۋە بۇۋاقلار سۈت پاراشۇكى تۈگەيلا دەپ قالغان.
CNN نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 3-ئاينىڭ 5-كۈنى لىۋىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن ئۆكتىچىلەر پايتەختنىڭ غەربىدىكى زەۋىيەھ شەھىرىدە « تالىشىش ئۇرۇشى » قانات يايدۇرغان. نۆۋەتتە زەۋىيەھ شەھىرىنى كىم كونترول قىلىۋاتىدۇ ھەمدە قانچە ئادەم ئۇرۇشتا يارىدار بولدى ۋە قازا قىلدى دېگەن سوئاللارغا ھېچكىم ئېنىق جاۋاب بېرەلمەيدىكەن. قازافىنىڭ ئوغلى سەيىف:« ئىچكى ئۇرۇش ھەربىر ئادەم ئۆز ئارا ھۇجۇم قىلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. لىۋىيە ھازىر توپىلاڭچىلار بىلەن كۆرەش قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار 200~300 ھەتتا 1000 ئادەم، ئەمما بىز بولساق 6 مىليون ئادەم دېگەن » دېگەن.
پايتەخت تىرىپولىدا 4-مارت جۈمە كۈنى يەنە توقۇنۇش يۈز بەرگەن، نەچچە يۈز نامايىشچى جۈمە نامىزىنى ئۆتەپ بولۇپ كوچىلارغا چىققان، بىخەتەرلىك قىسىملىرى ياش ئاققۇزۇش گازى بىلەن تارقاقلاشتۇرغان. راسلانوف شەھىرىدە، ئىككى تەرەپ كەسكىن ئېتىشقان، توپىلاڭچى قوشۇنلار قازافى ئارمىيىسىنىڭ بازىسىغا راكېتا بومبىسى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقان، رېيترس ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى كۆپ قېتىم پارتلاش ئاۋازىنى ئاڭلىغان.
بىن غازى شەھىرىنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان توپىلاڭچىلارنىڭ قورال ئامبىرىدا 4-مارت كەچ قاتتىق پارتلاش يۈز بېرىپ، 16 ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، نۆۋەتتە پارتلاش تاسادىپىيلىق ياكى ھۇجۇم كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەسكەن.
ب د ت نىڭ تۆۋەن مۆلچەرلىشىچە، لىۋىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى توپىلاڭ كۆتۈرۈلگەندىن بۇيان، ئاز دېگەندە 1000 ئادەم زوراۋانلىق توقۇنۇشلىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئىنسانىي ھوقوق تەشكىلاتىنىڭ قارىشىچە، لىۋىيەدىكى قازا قىلغانلار سانى 6000 ئادەمگە يېتىدىكەن.
لىۋىيەدىكى كۆپ قىسىم جايلاردا، بولۇپمۇ پايتەخت تىرىپولىدا ئېنتىرنېت تورى مۇلازىمى ئۈزۈلۈپ قالغان. 4-مارت كەچ لىۋىيەلىكلەر تور ئارقىلىق پىلان تۈزۈش ۋە ئۆز ئارا ئالاقىلىشىشقا ئامالسىز قالغان. يەر شارى ئېنتىرنېت تورى پائالىيىتىنى نازارەت قىلىدىغان ئامېرىكا شېركىتىنىڭ دېيىشىچە، لىۋىيەنىڭ ۋاقتى 3-مارت چۈشتىن كېيىن، لىۋىيە ئېنتىرنېت تورى ئېقىمىنىڭ كىرىپ چىقىشى تۇيۇقسىز ئۈزۈلۈپ قالغان، تاكى 4-مارت كەچكىچە ئەسلىگە كەلمىگەن.
قازافىنىڭ ئوغلى سەيىف بېرېگانى بومباردىمان قىلىش پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى توپىلاڭچىلارنى « چۆچىتىپ » قويۇش دېگەن. لىۋىيە ھۆكۈمىتى يەنە ئەل-قائىد تېرورلۇق تەشكىلاتى 37 مىليون ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى ئەتكەس قىلىش ئارقىلىق چېگرىگە كىرگۈزۈپ، ياشلارنى ئېزىقتۇرۇش ئارقىلىق توپىلاڭغا قاتناشتۇردى دەپ ئەيىپلىگەن.
جۇڭگو يەر شارى تورىنىڭ 5-مارت خەۋىرى: ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 3-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى خەۋىرى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىشىچە، لىۋىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى 5-مارت سەھەردە زەۋىيەھ شەھىرىگە ھۇجۇم قوزغىغان ھەمدە توپىلاڭچىلارنىڭ مۇداپىئە سېپىنى بۆسۈپ ئۆتكەن. ئۆكتىچىلەر شەھەرنىڭ ئىچكىرى جايىدىكى تايانچ نۇقتىلىرىغا چېكىنگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ بۇ قېتىمقى ھۇجۇمى لىۋىيە پايتەختى تىرىپولىنى مۇداپىئە قىلىشتا ئىنتايىن ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، زەۋىيەھ شەھىرىدە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، لىۋىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى 5-مارت سەھەردە زەمبىرەك ۋە پىلموتلار بىلەن ھۇجۇم قوزغىغان ھەمدە توپىلاڭچىلارنىڭ زەۋىيەھ شەھىرىكى ئەسلىدىكى تايانچ نۇقتىلىرىنى بۆسۈپ ئۆتكەن. ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ شەھەرگە كىرگەنلىكىنى ئېيتقان. يەرلىكتىكى ھۆكۈمەت بىنالىرى ۋە ئولتۇراق ئۆيلەر ئوقنىڭ زەربىسىدە زىيانغا ئۇچرىغان.
زەۋىيەھ شەھىرىدىكى ئۆكتىچىلەر چېكىنگەن، ئۇلار تېخىمۇ يېقىن جايدا يېڭى تايانچ نۇقتا ئىگەللەشكە تەييارلىنىۋېتىپتۇ. ئەمما بىر توپىلاڭچى زات :« قازافى تەختتىن چۈشمىگىچە، بىز ۋاز كەچمەيمىز » دېگەن. ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئۇرۇش سەھەردە باشلىنىپ نەچچە سائەت داۋاملاشقان. خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، 5-مارت زەۋىيەھ شەھىرىنىڭ نەچچە يېرىگە ئوت كەتكەن، 200 مىڭ نوپۇسقا ئىگە شەھەرنىڭ ئاسمىنى قويۇق ئىس بىلەن قاپلانغان. ئەگەر كىم بالكونىغا چىقىپ قارىسا، كوچىدىكى مەرگەن ئۇنىڭغا ئوق چىقىرىدىكەن.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!