ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

تەيۋەن جۇڭگو قۇرۇقلۇقى بىلەن ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى قىلمايدۇ

2011-يىلى03-ئاينىڭ05-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
  تەيۋەن جۇڭگو قۇرۇقلۇقى بىلەن ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى قىلمايدۇتەيۋەن جۇڭگو قۇرۇقلۇقى بىلەن ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى قىلمايدۇ جۇڭگو قىرغۇچى-20 كۈرەشچى ئايروپىلانىنى مۇۋاپىقىيەتلىك سىناق قىلدى
جۇڭگو يەر شارى تورىنىڭ 5-مارت خەۋىرى: تەيۋەن « مەركىزىي ئاگېنت » نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو قۇرۇقلۇقىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە خام چوتى 601 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن %12.7 ئاشقانلىقىغا قارىتا، تەيۋەن « دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرلىكى » جۇڭگو قۇرۇقلۇقىنىڭ يىلدىن يىلغا ئېشىۋاتقان ھەربىي خام چوتى تەيۋەن ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن، تەيۋەن دائىرلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىتى تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچ ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش بولۇپ، جۇڭگو قۇرۇقلۇقى بىلەن ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى ئۆتكۈزمەيدىكەن، ئۆزىنىڭ « دۆلەت مۇداپىئە خام چوتى » نى تولۇق ۋە جانلىق ئىشلىتىدىكەن.
تەيۋەن « دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرلىكى » نىڭ بىلدۈرىشىچە، جۇڭگو قۇرۇقلۇقنىڭ ھەربىي خىراجىتى ھەر يىلى ئىككى خانلىق سان بىلەن ئېشىشى گەرچە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، ئەمما ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ۋە تەيۋەن رايونىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، تەيۋەن « دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرلىكى » تەيۋەن دائىرلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىتى تەيۋەن بوغۇزىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جۇڭگو قۇرۇقلۇقى بىلەن ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى قىلماسلىق بولۇپ، تەيۋەننىڭ « دۆلەت مۇداپىئە » خام چوتىنى تولۇق ۋە جانلىق ئىشلىتىدىكەن ھەمدە مۇستەھكەم « دۆلەت مۇداپىئە » قوراللىق كۈچىلىرى قۇرۇپ چىقىپ، تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىكەن.
مەنبە: جۇڭگو يەر شارى تورى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!