شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 23 – فېۋرال تېلېگراممىسى. ئامېرىكا ‹‹ۋال كوچىسى›› گېزىتىنىڭ 23 – فېۋرالدىكى ئوبزورچى ماقالىسىدە: ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس ساقلاش كومىتېتىنىڭ پۇل سىياسىتى دۇنيادا پۇل پاخاللىقى پەيدا قىلىپ، بەزى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى قىيىن ئەھۋالغا دۇچار قىلدى،دېيىلدى.
‹‹ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس ساقلاش كومىتېتى چەت ئەلدە داۋالغۇش پەيدا قىلدى›› سەرلەۋھىلىك ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بىلەن ب د ت قاتارلىق ئاپپاراتلار دوللاردىن باشقا خەلقئارا زاپاس پۇل تەسىس قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى. يېقىندا پارىژدا ئاياغلاشقان 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى يىغىنىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس ساقلاش كومىتېتى ھەرقايسى دۆلەت مەركىزىي بانكىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.
بۇلتۇر 11 – ئايدا ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس ساقلاش كومىتېتى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، 2 – قېتىم ئومۇمىي قىممىتى 600 مىليارد دوللارلىق ئۆلچەملىك پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ھەر ئايدا 75 مىليارد دوللارلىق ئامېرىكا زايومى سېتىۋالدى. بۇ يىل 6 – ئايدا ئاياغلىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن بۇ سىياسەت كەڭ دائىرىدە گۇمان قوزغىدى ۋە تەنقىدلەندى.