ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

روسىيە ئارمىيىسى 10 يىل ئىچىدە يۈز دانە ھەربىي پاراخوت ۋە 1600 دانە ھەر

2011-يىلى02-ئاينىڭ25-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
  روسىيە ئارمىيىسى 10 يىل ئىچىدە يۈز دانە ھەربىي پاراخوت ۋە 1600 دانە ھەر روسىيە ئارمىيىسى 10 يىل ئىچىدە يۈز دانە ھەربىي پاراخوت ۋە 1600 دانە ھەر خىل تىپتىكى ھەربىي ئايروپىلان سېتىۋالىدۇ
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 25-فېۋرال خەۋىرى: روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرلىكى 24-فېۋرال 2020-يىلدىن بۇرۇن نەچچە يۈز مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىپ، ھەربىي قورال-ياراغ ۋە ئەسلىھەلەرنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
روسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئاخباراتلار دۆلەت مۇداپىئە مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋىلادىمىز پوپوۋكىننىڭ سۆزىنى نەقىل قىلغان خەۋىرىدە، روسىيە ئارمىيىسىنىڭ 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن 600 دانە ھەر خىل ھەربىي ئايروپىلان، 100 دانە پاراخوت ۋە 1000 دانە تىك ئۇچار ئايروپىلان سېتىۋېلىشنى پىلانلىغانلىقى دېيىلگەن.
پوپوۋكىننىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ھاۋا ئارمىيە سېتىۋېلىشنى پىلانلىغان قورال-ياراغلار Su-34 تىپلىق، Su-35 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە MiG-26 تىپلىق ۋە MiG-28 تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن؛ دېڭىز ئارمىيىسى 35 دانە يېنىك تىپتىكى چارلاش پاراخوتى، 15 دانە قوغدىغۇچى پاراخوت ۋە 20 دانە سۇ ئاستى پاراخوتى سېتىۋېلىشنى پىلانلىغان. 20 دانە سۇ ئاستى پاراخوتىدا، 8 سۇ ئاستى پاراخوتىغا « بۇۋالا » ناملىق تراكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلىنىدىكەن.
بۇنىڭدىن سىرت، روسىيە ئارمىيىسى S-500 تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېستىمىسىنى S-400 تىپلىق سېستىمىنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇدىكەن.
روسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرلىكى 2010-يىلى 12-ئايدا ھۆكۈمەتكە 2011-يىلدىن 2010-يىلغىچە بولغان 651 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ھەربىي ھازىرلىقلارنى سېتىۋېلىش پىلانىنى سۇنغان. بۇ پۇلنىڭ %80 قورال سېتىۋېلىشقا، %10 تەتقىق قىلىشقا سەرپ قىلىنىدىكەن.
مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات تورى روسىيە ئارمىيىسىگە نەزەر
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!