ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

يېڭى زېلاندىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار 113 كە يەتتى

2011-يىلى02-ئاينىڭ25-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
        شىنخۇا تورى بېيجىڭ 25–فېۋرال تېلېگراممىسى : يېڭى زېلاندىيە ساقچى تەرەپنىڭ 25–فېۋرال چۈشتە بىلدۈرۈشىچە ، يېڭى زېلاندىيەنىڭ كرستچېرچ شەھىرىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 113 كە ، يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ سانى 228 كە يەتكەن . يېڭى زېلاندىيە خەلق مۇداپىئە مىنىستىرى جون كاتېرنىڭ ئېيتىشىچە ، ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن خارابىلىككە كۆمۈلۈپ قالغان 70 دىن ئارتۇق ئادەم قۇتقۇزۋېلىنغان .

   جۇڭگو ئەۋەتكەن قۇتقۇزۇش ئەترىتى يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئاۋكلاند خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كەلدى

   جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن 10 نەپەر قۇتقۇزۇش خادىمى شۇ يەر ۋاقتى 25–فېۋرال سەھەر سائەت 5:45 دە يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئاۋكلاند خەلقئارا ئايرودۇرۇمغا يېتىپ كەلدى ۋە دەرھال يېڭى زېلاندىيەنىڭ ھەربىي ئايروپىلانىغا ئالمىشىپ كرستچېرچ شەھىرىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونغا  ئاتلاندى .

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!