ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن ئېلىنىدىغان مۇتلەق كۆپ قىسىم باج تۆۋەنلىتىلدى

2011-يىلى02-ئاينىڭ25-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 23 – فېۋرال تېلېگراممىسى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 23 – فېۋرال ‹‹قاتناش ۋاسىتىلىرى بېجى قانۇنى›› لايىھەسىگە 2 – قېتىم قاراپ چىققاندا ئەلرايى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئەسلىدىكى لايىھەنىڭ بەلگىلىمىسى زور دەرىجىدە تەڭشىلىپ، گاز چىقىرىش مىقدارى 2.0 لىتىر ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئاپتوموبىللارنىڭ بېجى تۆۋەنلىتىلدى.

    مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 2010 – يىلى 10 – ئايدا ‹‹قاتناش ۋاسىتىلىرى بېجى قانۇنى›› لايىھەسىگە 1 – قېتىم قاراپ چىققاندا ئەسلىي يولغا قويۇلۇۋاتقان بەلگىلىمىگە ‹‹گاز چىقىرىش مىقدارىنىڭ ئاز – كۆپلۈكىگە قاراپ دەرىجىگە ئايرىپ باج ئېلىنىدۇ، باج سوممىسى 60 يۈەندىن 5400 يۈەنگىچە بولىدۇ››، دەپ تۈزىتىش كىرگۈزگەنىدى.

    ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىشى بىلەن 2 – قېتىم قاراپ چىقىلغان قانۇن لايىھەسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىدە ئاپتوموبىللار گاز چىقىرىش مىقدارى بويىچە يەنىلا يەتتە دەرىجىگە ئايرىلدى، بىراق 2.0 لىتىر ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئاپتوموبىللاردىن ئېلىنىدىغان باج سوممىسى تۆۋەنلىتىلدى. كونكرېت مەزمۇنى:

    گاز چىقىرىش مىقدارى 1.0 لىتىردىن تۆۋەن (1لىتىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئاپتوموبىللارنىڭ يىللىق ئاساسىي ئۆلچەم بېجى ئۆزگەرمەستىن، يەنىلا 60 يۈەندىن 360يۈەنگىچە بولىدۇ؛ 1.0 لىتىردىن 1.6 لىتىرغىچە(1.6لىتىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولغان ئاپتوموبىللارنىڭ يىللىق ئاساسىي ئۆلچەم باج سوممىسى 1 – قېتىم قاراپ چىقىلغان قانۇن لايىھەسىدە بەلگىلەنگەن 360 يۈەندىن 660 يۈەنگىچە بولۇش چېكى 300 يۈەندىن 540 يۈەنگىچە بولۇشقا تەڭشەلدى؛ 1.6 لىتىردىن 2.0 لىتىرغىچە (2.0لىتىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولغان ئاپتوموبىللارنىڭ يىللىق ئاساسىي ئۆلچەم بېجى 1 – قېتىم قاراپ چىقىلغان قانۇن لايىھەسىدە بەلگىلەنگەن 660 يۈەندىن 960 يۈەنگىچە بولۇش چېكى 360 يۈەندىن 660 يۈەنگىچە بولۇشقا تەڭشەلدى.

    شۇنىڭ بىلەن بىللە، باج سېلىقىنىڭ پەلەمپەيسىمان ئۆسۈشى كۆزدە تۇتۇلۇپ، قانۇن لايىھەسىنىڭ 2 – قېتىم قاراپ چىقىلغان نۇسخىسىدا 2.0 لىتىردىن 4.0 لىتىرغىچە (4.0لىتىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولغان ئاپتوموبىللارنىڭ باج سوممىسى ماس ھالدا سەل تەڭشەلدى. 2.0 لىتىردىن 2.5 لىتىرغىچە (2.5 لىتىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولغان ئاپتوموبىللارنىڭ باج سوممىسى 660 يۈەندىن 1200 يۈەنگىچە؛ 2.5 لىتىردىن 3.0 لىتىرغىچە (3.0 لىتىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولغان ئاپتوموبىللارنىڭ باج سوممىسى 1200 يۈەندىن 2400 يۈەنگىچە؛ 3.0 لىتىردىن 4.0 لىتىرغىچە (4.0 لىتىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولغان ئاپتوموبىللارنىڭ باج سوممىسى 2400 يۈەندىن 3600 يۈەنگىچە؛ 4.0 لىتىردىن يۇقىرى ئاپتوموبىللارنىڭ باج سوممىسى 3600 يۈەندىن 5400 يۈەنگىچە تەڭشەلدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!