مۇھەممەد تۇراپ
ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇئامىلىدارلارغا ئامانەت پۇلنى چىقىم قىلىپ بېرىش ۋە مەبلەغ ھېساب – كىتاب قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بەلگىلىك نىسبەت بويىچە خەلق بانكىسىغا قويىدىغان ئامانەت پۇل بولۇپ، خەلق بانكىسى بۇ پۇللارغا ئۆسۈم بېرىدۇ. ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتى تۈزۈمى شارائىتىدا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئامانەت قويۇلغان پۇللارنىڭ ھەممىسىنى قەرز پۇل شەكلىدە تارقىتىۋەتمەي، بەلكى، مۇئامىلىدارلارنىڭ قويغان ئامانەت پۇلنى ئېلىشى ئۈچۈن، مەلۇم مىقداردىكى پۇلنى زاپاس ساقلاپ قويىدۇ. شۇڭا ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى تۈزۈمى مۇئامىلىدارلارنىڭ بانكىغا قويغان ئامانەت پۇلىنى خالىغان ۋاقىتتا ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇنداق قىلىش پۇل مۇئامىلە تۈزۈمى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا پايدىلىق.
مەركىزىي بانكا ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى نېمە ئۈچۈن داۋاملىق ئۆستۈرىدۇ؟ مېنىڭچە، بۇ خەلق بانكىسىنىڭ پۇلنى قىسىشتىكى بىر تەدبىرى، ئۇ ئىقتىسادنىڭ قىزىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ۋە پۇل پاخاللىقىنىڭ كۈچىيىشىنى تىزگىنلەشنى مەقسەت قىلىدۇ. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، مەركىزىي بانكىنىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
بىرىنچىدىن، بانكىنىڭ قەرز پۇل تارقىتىشىنى چەكلەش ئېھتىياجى. ئالدىنقى مەزگىلدىكى قىسىش سىياسىتىنىڭ بېسىمى بىلەن، بۇ يىل 1 – ئايدا ئېلىمىزدە يېڭىدىن كۆپەيگەن قەرز پۇل سوممىسى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئازراق ئازايغان بولسىمۇ، بىراق، 1 – ئايدا كونترول قىلىنغان قەرز پۇل 2 – ئايدا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ تارقىتىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ يىل 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى يولغا قويىدىغان تۇنجى يىل بولغاچقا، يېڭى تۈرلەر ۋە يېڭى پىلانلار مەبلەغ جەھەتتىن قوللاشقا موھتاج ھەم جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز پۇل ئېھتىياجى نىسبەتەن كۈچلۈك. شۇڭا بانكىلارنىڭ قەرز پۇل تارقىتىشىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن، ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
ئىككىنچىدىن، پۇل پاخاللىقىنى كونترول قىلىش ئېھتىياجى. پۇل پاخاللىقىنى كونترول قىلىش مەركىزىي بانكىنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى ئىككى قېتىم ئۆستۈرۈشىدىكى ئاساسىي سەۋەب ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىل 1 – ئايدا ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %.9 4 ئۆرلىشى بازارنىڭ كۆزلىمە نىشانىدىن تۆۋەن بولسىمۇ، يېمەكلىكلەر باھاسىنىڭ ئۆرلەش ھەجىمى يەنىلا زىيادە چوڭ بولدى. بىراق، كۆپ قېتىم كۆرۈلگەن تەبىئىي ئاپەتلەر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، بولۇپمۇ ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلەش كۆزلىمە نىشانىنى ئىلگىرى سۈرۈۋەتتى. ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلىشى مۇئەييەن ئادەت خاراكتېرلىك ئەھۋال بولۇپ، ناۋادا زور ھەجىمدە ئۆرلەش ئەھۋالى كۆرۈلسە، باھانى پەسەيتىشكە ئالتە ئايدىن سەككىز ئايغىچە ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. يەنە بىرتەرەپتىن، خام ئەشيا باھاسىنىڭ ئۆرلىشى دۆلەت ئىچىدىكى پۇل پاخاللىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. بۇ يىل خام ئەشيا باھاسى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %6.6 ئۆرلىگەن. خام ئەشيا باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇڭا مەركىزىي بانكىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كەينى – كەينىدىن چىڭىتىش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى بازارنىڭ پۇل پاخاللىقىغا بولغان كۆزلىمە نىشانىنى پەسەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ.
ئۈچىنچىدىن، ئۆي – زېمىن باھاسىنى تەڭشەش ۋە كونترول قىلىشنىڭ ئېھتىياجى. بۇ يىل 1 – ئايدا ئېلىمىزدىكى 68 چوڭ، ئوتتۇرا شەھەردە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئۆرلىدى. 65 شەھەردە نىمكەش ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئۆرلىدى. ئۆي – زېمىن كارخانىلىرىنىڭ ئاساسلىق مەبلەغ مەنبەسى بانكىنىڭ قەرز پۇلى بولغاچقا، مەركىزىي بانكىنىڭ ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشى بانكىلارنىڭ ئۆي – زېمىن كارخانىلىرىغا قەرز پۇل بېرىشنى ئازايتىپ، ئۆي – زېمىن باھاسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئۆرلەپ كېتىشىنى تىزگىنلەشكە ياردەم بېرىدۇ.
(ئاپتور: توقسۇ ناھىيەلىك خەلق بانكىسىدىن)