يۇنۇس سادىق خەۋەر قىلىدۇ: بۇلتۇر 11 – ئايدا قۇمۇل شەھىرى پالۋانتۇر يېزىسىنىڭ قاراسۇ كەنتىدىكى نىياز باسىت ئوغلى بىلەن ئاراتۈرۈك ناھىيەسىنىڭ نوم سانائەت رايونىغا ماكانلاشقان ‹‹يېڭى ئەسىر›› ئەشيا ئوبوروت شىركىتىنىڭ شوپۇر قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى ئېلانىنى كۆرۈپ، بۇ شىركەت بىلەن توختاملىشىپ شوپۇر بولغانىدى. نىياز باسىت يېقىندا ماڭا: ئاپتوموبىل سېتىۋالغاندىن كۆرە ئاپتوموبىل ھۆددە ئېلىپ يۈك توشۇغان ياخشىكەن، ئايدا ئوغلۇم بىلەن ئىككىمىز 13 – 14 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىمىز، ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش، ماي قاچىلاش، يول ھەققى قاتارلىقلارغا شىركەت مەسئۇل بولىدۇ، ھازىر ماڭا ئوخشاش سىرتتىن كېلىپ ئاپتوموبىل ئىجارە ئېلىپ كۆمۈر توشۇۋاتقانلار 1000 دىن ئاشىدۇ، دېدى.
ئاراتۈرۈك ناھىيەسىنىڭ نوم بازىرى سانائەت رايونىدا ‹‹يېڭى ئەسىر›› ئەشيا ئوبوروت شەھەرچىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ ئون نەچچە ئەشيا ئوبوروت شىركىتى ۋە 1000 دىن ئارتۇق تىرانسپورت ئاپتوموبىلى بۇ جايغا ماكانلىشىپ ‹‹غەربنىڭ كۆمۈرىنى شەرققە توشۇش›› ‹‹ئاۋىياماتكا››سى شەكىللەندۈردى. بۇ ئەشيا ئوبوروت شەھەرچىسىدە سودا، ئەشيا ئوبوروتى، ئىسكىلاتتا ساقلاش، ئاپتوموبىللارغا ماي، گاز قاچىلاش، ئاسراش ۋە رېمونتچىلىق، ساياھەتچىلىك، مېھمانساراي، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق مۇلازىمەت تۈرلىرى بىرگەۋدىلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 3370 مو، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى ئىقتىسادىي بەلباغنىڭ تىرانسپورت لىنىيەسىدە قۇرۇلغان ئەڭ چوڭ مال ئوبوروت شەھەرچىسى ھېسابلىنىدۇ.
ھازىر ئەنخۇينىڭ ‹‹بوجۇ ۋېيدا›› ئەشيا شىركىتى نوم بازىرىدا 100 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ كۆمۈر توشۇش ئاپتوموبىلىدىن 200 نى كىرگۈزۈپ، ئەشيا ئوبوروت كەسپىنى كېڭەيتىشنى پىلانلىدى. دۆلەتنىڭ 1 – دەرىجىلىك يۈك ئاپتوموبىل شىركىتى ‹‹شەنچى›› چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىل شىركىتىمۇ نوم بازىرى ‹‹يېڭى ئەسىر›› ماددىي ئەشيا ئوبوروت شەھەرچىسىگە چوڭ تىپتىكى 300 ئاپتوموبىلى بىلەن ماكانلىشىپ، كۈنىگە 1000 توننىدىن ئارتۇق كۆمۈر توشۇپ، كۆمۈر توشۇش تىجارىتى قىلغاندىن باشقا، سېتىشتىن كېيىنكى رېمونت مۇلازىمەت پونكىتى قۇردى. ھازىر بۇ شىركەتنىڭ بۇ شەھەرچىگە ماكانلاشقان چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى 300 گە يەتتى.
ئۇقۇشىمچە، نوم بازىرىغا ماكانلاشقان ‹‹يېڭى ئەسىر›› ئەشيا ئوبوروت شەھەرچىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئىككى باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلىپ، 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە ‹‹غەربنىڭ كۆمۈرىنى شەرققە توشۇش››قا قاتنىشىدىغان ھەر خىل تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلىنى 5000 غا يەتكۈزۈپ، ئىسمى – جىسمىغا لايىق شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ زامانىۋى ئەشيا ئوبوروت شەھەرچىسى بولۇشقا تىرىشىدىكەن.