ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

2011–يىللىق ئاسىيا چېمپىيونلۇق پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى باشلاندى

2011-يىلى03-ئاينىڭ05-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

 ئۇيغۇر يىگىتى بارىنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى

   مۇخبىر روشەنگۈل ئابدۇراخماننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، 2011 – يىللىق ئاسىيا چېمپىيونلۇق پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى 1 – مارت باشلانغان. شۇ كۈنى E گۇرۇپپا بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە، ئېلىمىزنىڭ خاڭجۇ ‹‹لۈچېڭ›› كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا نۆلگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن ياپونىيە چېمپىيونى ناگويا ‹‹جىڭبا›› كوماندىسىنى يەڭگەن. خاڭجۇ ‹‹لۈچېڭ›› كوماندىسىنىڭ شىنجاڭلىق ماھىرى بارى مۇسابىقىدە بىر قېتىملىق ھۇجۇمغا پاس بېرىش، ئۆزى بىر توپ كىرگۈزۈشتەك ياخشى ئىپادىسى بىلەن، بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئەڭ چوڭ تۆھپىكار بولۇپ قالغان.

   يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا چېمپىيونلۇق پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئاسىيا پۇتبول كۇلۇبلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇسابىقىسى بولۇپ، مۇسابىقىگە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ پۇتبول سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىكىگە قاراپ، شۇ دۆلەتنىڭ ئالدىنقى يىلدىكى مۇسابىقىدە بىرىنچىلىكتىن تۆتىنچىلىككىچە ئېرىشكەن كوماندىلىرى قاتنىشىدۇ. مۇسابىقە شەرقىي ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيا رايونلىرى بويىچە ئۆتكۈزۈلۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا بۇ ئىككى رايون بويىچە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن ئىككى كوماندا ئاسىيا چېمپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ لوڭقىسىنى تالىشىدۇ. بۇ يىل ئېلىمىزدىن شەندۇڭ ‹‹لۇنېڭ››، شاڭخەي ‹‹شېنخۇا››، تيەنجىن ‹‹تەيدا›› ۋە خاڭجۇ ‹‹لۈچېڭ››دىن ئىبارەت تۆت كوماندا بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان.

   خاڭجۇ ‹‹لۈچېڭ›› كوماندىسى بىلەن ياپونىيەنىڭ ناگويا ‹‹جىڭبا›› كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىدە، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئىككىلا تەرەپ توپ كىرگۈزەلمىگەن. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 15 مىنۇت بولغاندا، خاڭجۇ ‹‹لۈچېڭ›› كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى 21 ياشلىق بارىنى مەيدانغا چىقارغان. بارى مەيدانغا چىقىپ بىر مىنۇت بولغاندىلا سەپدىشى رامىرىس(چەت ئەلدىن تەكلىپ قىلىنغان تەنھەرىكەتچى)قا چىرايلىق بىر پاس يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئۇنىڭ توپ كىرگۈزۈشىگە ياردەم بەرگەن. مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا تۆت مىنۇت قالغاندا، بارى ئۆزى يىراقتىن تېپىپ بىر توپ كىرگۈزۈپ، ئۆز كوماندىسىنىڭ غەلىبە قازىنىشىغا ئالاھىدە كۈچ قوشقان. بارىنىڭ مۇسابىقىدىكى ئاكتىپ، تەشەببۇسكار ئىپادىسى خاڭجۇلۇق پۇتبول مەستانىلىرىدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.

   شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەنF گۇرۇپپىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە، ئېلىمىزنىڭ تيەنجىن ‹‹تەيدا›› كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا نۆلگە قارشى بىر نەتىجە بىلەن كورېيەنىڭ ‹‹جىجۇ›› بىرلەشمە كوماندىسىنى يېڭىپ، جۇڭگو كۇلۇب كوماندىلىرىنىڭ ئاسىيا چېمپىيونلۇق پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە كورېيە كوماندىلىرىغا ئۇدا 11 مەيدان ئۇتتۇرۇپ قويۇشتەك نومۇسلۇق رېكورتنى بۇزغان.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!