ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

قازاقىستان 4 نەپەر پىرىزدېنت سايلىمى نامزاتىنى رەسىمىي بېكىتتى

2011-يىلى03-ئاينىڭ03-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
  قازاقىستان 4 نەپەر پىرىزدېنت سايلىمى نامزاتىنى رەسىمىي بېكىتتىقازاقىستان 4 نەپەر پىرىزدېنت سايلىمى نامزاتىنى رەسىمىي بېكىتتى
شۇ جاي ۋاقتى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى، قازاقسىتان مەركىزىي سايلام كومىتىتى پىرىزدېنت سايلىمى نامزاتىنى تىزىمغا ئېلىش خىزمىتىنى رەسىمىي ئاخىرلاشتۇرغان، « ۋەتەن نۇرى » خەلق دېموكراتلار پارتىيىسى ھازىرقى پىرىزدېنت نەزەربەيېۋنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەن، « ۋەتەنپەرۋەر » پارتىيىسى قاسىموۋ (Gani Kasymov) نى نامزاتلىققا كۆرسەتكەن، كومۇنىستىك پارتىيىسى ئەخمەتبەكوۋ (Zhambyl Akhmetbekov ) نى نامزاتلىققا كۆرسەتكەن، مۇستەقىل نامزات ئېلېسىزوۋ (Mels Eleusizov ) مۇ نامزات بولغان، بۇ 4 نەپەر نامزات 4-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى پىرىزدېنت سايلىمىغا قاتنىشىشقا رەسىمىي تىزىمغا ئېلىنغان.
قازاقسىتان مەركىزىي سايلام كومىتىتىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىم 22 ئادەم پىرىزدېنت سايلىمىغا قاتنىشىشقا ئىلتىماس قىلغان، ئەمما 11 ئادەم دۆلەت تىلى قازاق تىلى ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەن، باشقا 7 ئادەم يېتەرلىك قوللاشقا ئېرىشەلمىگەن ياكى ئۆزلىكىدىن سايلامغا تىزىمغا ئالدۇرۇشتىن چېكىنىپ چىققان. ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، 4 نەپەر سايلامغا قاتنىشىش سالاھىيتىگە ئېرىشكەن پىرىزدېنت نامزاتى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى سايلام تەشۋىقات پائالىيىتىنى باشلىسا بولىدىكەن.
بۇ يىل 2-ئاينىڭ 4-كۈنى، قازاقسىتان پىرىزدېنتى نەزەربايېۋ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى سايلام قانۇنى بەرگەن ھوقوققا ئاساسەن، ئەسلىدە كېلەر يىل ئۆتكۈزىلىدىغان پىرىزدېنت سايلىمىنى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بەلگىلىمىگە ئاساسەن، 40 ياشقا توشقان، قازاقىستاندا ئۇدا 15 يىل ئولتۇراقلاشقان، دۆلەت تىلىنى پىششىق ئىگەللىگەن ھەمدە 91010 نەپەر سايلام ئاممىسىنىڭ ئىمزاسىغا ئېرىشكەن قازاقىستان پۇقراسىنىڭ پىرىزدېنت سايلىمىغا قاتنىشىش سالاھىيىتى بولىدۇ. قازاقسىتان پىرىزدېنتىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بۇ قېتىملىقتىن باشلاپ 5 يىل بولىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى     قازاقىستان 3-ئاپرىل مۇددەتتىن بۇرۇن پىرىزدېنت سايلىمى ئۆتكۈزىدۇ
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!