ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئونسۇدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2011-يىلى03-ئاينىڭ03-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

   ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراخمان ، ئابلەت ئابلىزلار خەۋىرى ، فوتوسى : 2–مارت چۈشتىن كېيىن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز باشچىلىقىدىكى توققۇز نەپەر خادىم ئونسۇدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى . تەكشۈرۈش جەريانىدا ، ئۇلار ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئونسۇ ساپالچىلىق چاقچۇق چەكلىك مەسئۇليەت شىركىتى ، ئونسۇ ‹‹تيەن يۈەن›› قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ، ئونسۇ ‹‹خەي چۈەن›› يېمەكلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق كارخانىلارنىڭ بۇلغىمىلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىش ئەھۋالى ، ئالىي ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلار ۋە يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالى قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ ، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ بۇ جەھەتتە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى .

     
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!