يېقىندا ، بىر ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى ماڭا خەت يېزىپتۇ ، ئۇ خېتىدە ، بۇ بىر يىل ئىچىدە ، بىز پۇقرالار ئاستا–ئاستا ئىتتىپاقلىقنىڭ ئىللىقلىقىنى ، مىھرىبانلىقنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمىز . بىز ئىشتىن چۈشكەندە ، كۆكتات سېتىۋېلىپ ئۆيگە قايتقاندا ناخشا غىڭشىپ ماڭىدىغان ، ئۆيدىكىلەر بىلەن خۇشاللىق كۈلكىسى ئىچىدە تاماق يەيدىغان بولدۇق . چۈنكى ئەتراپىمىزدا بىزنى خۇش قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ .
بۇ ئاددىي گەپلەر مېنى ھەم خۇش قىلدى ھەم تەسىرلەندۈردى .
ئەلرايى قۇرۇلۇشى ئەل قەلبى بىلەن باغلانغان ، ئەلرايى قۇرۇلۇشى كىشىلەر قەلبىنى تۇتاشتۇرىدۇ . ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ، ھۆكۈمەتلىرىمىز خەلق ئۈچۈن ئازراقلا ئىش قىلىپ بەرسەك ، خەلق ئۇنى ئىسىدە چىڭ تۇتۇپ ، چىھرىدە ئىپادىلەپ ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنى يېقىن تۇققىنىدەك كۆرىدۇ . پەقەت بىزنىڭ ھەر دەرىجىلىك كادىرلىرىمىز ئەلنى سۆيۈپ ، ئەلنىڭ يۈكىنى زىممىمىزگە ئالالىساق ، ھەقىقىي تۈردە ئەلنى غەم–قايغۇدىن خالاس قىلساق ، خەلق ئاممىسى ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ھەسسىلەپ جاۋاپ قايتۇرىدۇ .
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومىنىڭ 2011–يىلىنى ‹‹ئەلرايى قۇرۇلۇشى يىلى›› قىلىپ بېكىتىپ ، نەچچە ئونلىغان ئەلرايى قۇرۇلۇشى تۈرى تىزىملىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدىكى مەقسىتى ، دەل مۇشۇنداق خەلق ئاممىسنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەخىتلىك قىلىش .
ئىشىنىمىزكى ، پەقەت بىز تىرىشقاندىلا ، ھەممىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ . شىنجاڭنىڭ ئەتىسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ . ئىككى يىغىن مەزگىلىدە ، كەڭ تورداشلارنىڭ تېڭشۇن تورى ۋە تەڭرىتاغ تورى ئارقىلىق ، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ ، شىنجاڭنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن ئورتاقلىق ھاسىل قىلىپ ، شىنجاڭغا مەدەت بېرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن .
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومىنىڭ شۇجىسى : جاڭ چۇنشيەن