گېرمانىيە فرانكىفورت شەھىرىنىڭ خەلقئارا ئايرودرومىنىڭ سىرتىدا 3-ئاينىڭ 2-كۈنى ئوق تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، بىر ئەر ئايرودرومنىڭ ئايروپىلان ساقلاش بىناسىنىڭ سىرتىغا توختىتىپ قويۇلغان ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئاپتوبۇسىغا قارىتىپ ئوق چىقارغان، ئاز دېگەندە ئىككى ئادەم نەق مەيداندا ئۆلگەن، يەنە ئىككى ئادەمنىڭ بىرى يېنىك بىرى ئېغىر يارىلانغان. ئامېرىكا ئارمىيىسى ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ خادىملىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركىل شۇ كۈنى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئىككى نەپەر خادىمى « قورقۇنۇچلۇق ۋەقە » دە ئېتىپ تاشلانغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. ئۇ گېرمانىيەنىڭ بارلىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىكى كومىتىتى بۇ قېتىمقى ۋەقەنى « تېرورلۇق ھۇجۇمى » دېگەن. بىراق، گېرمانىيە ئاخباراتلىرى بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ « تېرورچى ئۇنسۇرلار كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى » غا ئائىت ئىسپات يوقلىقىنى خەۋەر قىلغان.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ساقچىلار ئوق چىقارغۇچىنى دەرھال قولغا ئالغان. گېرمانىيەنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئوق چىقارغۇچىنىڭ كوسوۋولۇق ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن. ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە، ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئاپتوبۇستا ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ « AF » بەلگىسى بار ئىكەن، نەق مەيداندىن نەچچە پاي ئوق ئاۋازى كەلگەن.
ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ گېرمانىيەدە زور ساندا ئەسكىرى بولۇپ، ئافغانىستاندا ۋە ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئارقا سەپ خىزمىتىنى ئىشلەيدىكەن. ماتىرىياللاردىن كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ چەتئەللەردە 716 جايدا ھەربىي بازىسى بولۇپ، گېرمانيەدە 235 ئورۇندا ھەربىي بازا تەسىس قىلىنغان. ئامېرىكىنىڭ ياۋروپادىكى ھەربىي بازىرى ئەڭ زىچ بولۇپ، بۇ بازىلار گېرمانىيەنى مەركەز قىلغان. ئىتالىيە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇدىغان بولۇپ، 83 ئورۇندا ھەربىي بازا تەسىس قىلغان.
مەنبە: خەلق تورى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!