ئابدۇسالام ئابلىز، خەمىت تۇرئېلى، مۇختەر بەكرى خەۋىرى : ئاقسۇ شەھىرىنىڭ يەرلىك مالىيە كىرىمى بۇلتۇر 1 مىليارد 220 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇ شەھەرنىڭ مالىيە كىرىمى تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئاچتى.
ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بۇلتۇر مالىيە كىرىمىنى 1 مىليارد 10 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىپ، ۋەزىپە، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈردى. مالىيە، باج تارماقلىرى باج يوشۇرۇش، باج ئوغرىلاش قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىپ، يىغىشقا تېگىشلىك پۇللارنى تولۇق، ۋاقتىدا خەزىنىلەشتۈرۈپ، مالىيە كىرىمىنىڭ تېز سۈرئەت، يۇقىرى ئۈنۈمدە ئېشىشىنى قولغا كەلتۈردى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە يەرلىك مالىيە خامچوت كىرىمى 810 مىليون يۈەنگە، بۇنىڭ ئىچىدە باج كىرىمى 728 مىليون يۈەنگە، غەيرىي باج كىرىمى 85 مىليون يۈەنگە، فوند كىرىمى 410 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2009 – يىلىدىكىدىن %25.2، %24.4، %39.3 ۋە %95.2 ئاشتى. نەتىجىدە، يەرلىك مالىيە ئومۇمىي كىرىمى 1 مىليارد 220 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2009 – يىلدىكىدىن 363 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، يىللىق ۋەزىپە %120.8 ئورۇندالدى.