ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۆمىنجان ئىبراھىم خەۋىرى : 2010–يىللىق جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن 10 شەخسنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان ، 40 نىڭ قارىسىنى ئالغان بولسىمۇ تېخىچە بويتاق يۈرۈۋاتقان ئالىمجان خالىق بۇ يىل 2–مارت چۈشتىن كېيىن پىچان ناھىيەسىدە ئۆزى ياخشى كۆرگەن پاتىگۈل ئىسىملىك قىز بىلەن توي خېتى ئېلىپ بويتاقلىق تۇرمۇشىنى ئاخىرلاشتۇردى .
2008–يىلى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەن پاتىگۈل ئابلىز پىچان ناھىيە پىچان بازىرىدىن بولۇپ ، ھازىر پىچان ناھىيەلىك نېفىت شىركىتىنىڭ چىقتىم بازىردىكى بىر ماي قاچىلاش پونكىتىدا خىزمەت قىلىدۇ . ئۇ ئائىلىسىدە يالغۇز قىز ، ئاتىسى بىلەن ئاكىسى باقمىچىلىق ۋە قاسساپلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ، بىر ئىنىسى مېكسىكىدا ئۇقۇيدۇ . ئالىمجان بىلەن پاتىگۈل ئىككى ئاي بۇرۇن تور ئارقىلىق تونۇشقان بولۇپ ، ئارىلىقتا ئىككى قېتىم كۆرۈشۈپ ، ئۆز ئارا چۈشىنىشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغان . ئالىمنىڭ ئاددىي ساددا ياشاپ ، باشقىلارغا ئىزچىل خالىس ياردەم بېرىشتەك ئىسىل پەزىلەتلىرى بۇ قىزدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان . قىزنىڭمۇ پۇل–مالنى دوست تۇتمايدىغان ، ئاق كۆڭۈل ، قانائەتچان مىجەز خاراكتېرى ئالىمغا يېقىپ قالغان بولغاچقا ئۇلار تېزلا توي قىلىش قارارىغا كەلگەن . ئالىمجاننىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇ پىچاندا ۋە ئۈرۈمچىدە ئاددىي توي چېيى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن پاتىگۈلنى ئېلىپ گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ بىيجىيې شەھىرىگە قايتىپ كاۋاپچلىق تىجارىتىنى داۋاملاشتۇردىكەن .
ئالىمجان خالىق نىكاھتىن ئىبارەت بۇ ئۆمۈرلۈك ئىشىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن 1–مارت پىچان ناھىيەسىگە كەلگەندىن كېيىن پىچان ناھىيەلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى بۇ تونۇلغان ساخاۋەت ئىگىسىنىڭ بۇ قۇتلۇق توي ئىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىدى . ناھىيەلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرى ئالىمغا بىر قۇر كاستيۇم بۇرۇلكا ، ئاياغ ، ئالاھىدە ئىشلەنگەن لۈكچۈن دوپپىسىنى سوۋغا قىلدى ھەم قىز تەرەپكە ئەلچىلىككە بېرىش ، سالامغا بېرىش قاتارلىق تويدىن بۇرۇنقى تەرتىپلەرنى مىللىي ئۆرپ–ئادەتلەر بويىچە پۇختا ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىش بىلەن بىرگە ئالىمجان بىلەن پاتىگۈلنىڭ تويخېتى ئېلىش رەسىمىيەتلىرىنىمۇ تېز ، ئۈنۈملۈك بېجىرىپ بېرىپ ، بۇ قۇتلۇق توينىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن كۆپ قولايلىق ياراتتى . 2–مارت پىچان ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمى پەرھات قادىر ئۆز ئىشخانىسىدا ئالىمجان بىلەن پاتىگۈلنىڭ تويخېتىنى ئۇلارنىڭ قوللىرىغا تۇتقۇزدى ھەم ئۇلارغا بەخت تىلىدى.
ئىگىلىنىشىچە ، پىچان ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار تارماقلار 5 ــ مارت ئالىمجان بىلەن پاتىگۈل ئۈچۈن توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈپ بېرىدىكەن .