مۇھەممەد تۇراپ خەۋىرى : توقسۇ ناھىيەسىنىڭ بۇلتۇرقى مالىيە كىرىمى 285 مىليون 600 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، 2009 – يىلىدىكىدىن %66.6 ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيە يارىتىلدى.
بۇ ناھىيەدىكى باج، مالىيە تارماقلىرى بۇلتۇر نېفىت شىركىتى، جەنۇبىي شىنجاڭ نېفىت شۆبە ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ، نېفىت باج كىرىمىنىڭ ۋاقتىدا خەزىنىلەشتۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى. باج يىغىش داۋامىدىكى مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، يىغىۋېلىشقا تېگىشلىك باجنى ۋاقتىدا يىغىۋالدى. باجسىز كىرىمنى باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، باجسىز كىرىمنىڭ ۋاقتىدا، تولۇق مالىيە تارماقلىرىغا تاپشۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.