ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ناتو قوماندانى بالىلارنى خاتا ئۆلتۈرگەنلىكىدىن ئەپۇ سورىدى

2011-يىلى03-ئاينىڭ03-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
  ناتو قوماندانى بالىلارنى خاتا ئۆلتۈرگەنلىكىدىن ئەپۇ سورىدىناتو قوماندانى بالىلارنى خاتا ئۆلتۈرگەنلىكىدىن ئەپۇ سورىدى
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 2-مارت خەۋىرى: چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئافغانىستان ساقچىلىرى 2-مارت 7 ياشتىن 9 ياشقىچە بولغان 9 نەپەر بالىنىڭ ئافغانىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى كۇنار رايونىدا خاتا ھالدا قوراللىق ئۇنسۇرلار دەپ قارىلىپ، ش ئا ئە ت نىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلىقىنى دېگەن.
يەرلىك بىر ساقچى :« 1-مارت سەھەردە، ش ئا ئە ت نىڭ بازىسى تاغدىن كەلگەن راكېتا بومبىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى » دېگەن.
چۈشتە، ش ئا ئە ت قىسىملىرى راكېتا بومبا قويۇپ بېرىلگەن جاينى جەزىملەشتۈرگەن ھەمدە ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغان. ئۇلار تاغدا ئوتۇن تېرىۋاتقان بالىلارغا ھۇجۇم قىلغان. 9 نەپەر ئۆسمۈر قازا قىلغان.
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 3-مارت خەۋىرى: BBC نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ش ئا ئە ت نىڭ قوماندانى پېترائۇس ش ئا ئە ت قىسىملىرىنىڭ 1-مارت 9 نەپەر پۇقرانى خاتا ئۆلتۈرۈپ سالغانلىقىدىن كەچۈرۈم سورىغان.
ئافغانىستان يەرلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، قازا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئوغۇل بارلىلار ئىكەن، ئەڭ چوڭى 12 ياش ئىكەن.
مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات تورى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!