يەر شارى تورىنىڭ 2-مارت خەۋىرى: روسىيە ئاخباراتلىرىنىڭ دېيىشىچە، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى لىۋىيەگە ھەربىي ئارىلىشىشنىڭ ئېھتىماللىقىنى ئويلىشىۋېتىپتۇ، ئىگەللىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، لىۋىيە نۆۋەتتە زور مىقداردا خىمىيىلىك قورال ساقلاۋاتقان بولۇپ، بۇ لوندوننىڭ ش ئا ئە ت نى ھەربىي ئارىلىشىشقا ئىلگىرى سۈرىشىگە باھانە بولىشى مۇمكىن.
روسىيە ئاخبارات تورى 1-مارت خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ب د ت دا تۇرۇشلۇق قورال مەسىلىلىرى سابىق كۆزەتكۈچىسى جىمنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىمىيىلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتى قازافى قوشۇنىنىڭ تەخمىنەن 10 توننا ماستارد گازى ( قىچا گازى ) ساقلاۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىغان. نۆۋەتتە، ئۇ جاينى قازافىغا سادىق قوشۇنلار ساقلاۋېتىپتۇ، ئەمما كۈچى زور دەرىجىدە ئاجىزلاپ كەتكەن. قازافى ئىلگىرى خىمىيىلىك قوراللارنى كۆيدۈرۈپ تاشلاشقا ۋەدە بەرگەن ئىدى، ئەمما يەنىلا 10 خىمىيىلىك قورالنى ساقلاپ قالغان.
ئەنگىلىيە ئاخباراتلىرى ئۇچۇر بەرگۈچى زاتلارنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىشىچە، مەيلى قازافى بولسۇن ياكى توپىلاڭچىلار بولسۇن خىمىيىلىك قورالنى ئىشلىتىش ئېھتىماللىقى « ناھايىتى تۆۋەن » ئىكەن، چۈنكى سۇيۇق ھالەتتە ساقلىغان خىمىيىلىك قوراللارنى ئىشلەتكەندە چوقۇم باشقا ماددىلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن ئارىلاشما ماددىنى زەمبىرەك بىلەن ئېتىشى كېرەك ئىكەن. مەزكۇر مۇتەخەسسىسنىڭ دېيىشىچە، لىۋىيەنىڭ داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان ۋەزىيىتىنى نەزەردە تۇتقاندا، بۇ خىمىيىلىك قوراللارنى تېزراق يوقىتىش كېرەك ئىكەن. جىمنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئەگەر بۇ خىمىيىلىك قوراللار تېرورچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتسە ۋەھىمە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
يەر شارى تورىنىڭ 2-مارت خەۋىرى: روسىيە تاس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېريۇسىلدىكى دېپلومات زات گەرچە ش ئا ئە ت دۆلەتلىرى قازافىغا ھەربىي ھەركەت قىلىشقا تەييارلىق قىلىپ قويغان بولسمۇ، ئەمما ئالدىنقى شەرتى لىۋىيە توپىلاڭچىلىرى ماقۇل بولىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، ش ئا ئە ت دۆلەتلىرىنىڭ قازافى ھۆكۈمىتىگە ھاۋادىن زەربە بېرىشتە يېتەرلىك ئەۋزەللىكى بار ئىكەن. سۆھبەتلىشىشنى رەت قىلسا « كاللا كېسىش » ھەركىتى قوزغايدىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، قازافىغا « ئالاھىدە مۆتىدىل ھەركەت » قوللىنىش ئېھتىماللىقىغا قارىتا يۇقىرىقى ئەمەلدار باھا بېرىشنى رەت قىلغان، ئەمما ئۇ :« ش ئا ئە ت دۆلىتى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قازافىغا ھاۋادىن بېسىم قىلىشقا يېتەرلىك كۈچى بار، بۇ تېخنىكا مەسىلىسى ئەمەس »، « ھەربىي نۇقتىدىن قارىغاندا، ئەگەر قازافى ھاۋا ئارمىيىسى يەر يۈزىدە تۇرۇپ قېلىشقا مەجبور بولسا، ئۇنداقتا بىن غازىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ تىرىپولىغا يەر يۈزىدىن ھۇجۇم قوزغاشقا يېتەرلىك كۈچى بار، چۈنكى ئۇلار 500 كىلومېتىرلىق قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتمىسە بولمايدۇ، ئەمما ئۇلار قۇملۇقتا قازافى ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ نىشانى بولۇپ قالىدۇ » دېگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ش ئا ئە ت نىڭ ھەربىي ھەركەت قوللىنىشىدىكى يەنە بىر توسالغۇ « خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ماقۇللىقى » يوق ئىكەن. روسىيەنىڭ ش ئا ئە ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلىنىڭ بىلدۈرىشىچە، لىۋىيەگە چەتئەل ھەربىي كۈچىنى ئىشلىتىشكە پەقەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىلا قارار چىقىرالايدىكەن.
ئامېرىكىنىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى مۇھىم ئىتتىپاقدىشى يەمەننىڭ پىرىزدېنتى سالىھ سانا ئۇنۋېرسىتىتىدا قاتتىق پوزىتسىيەدە نۇتۇق سۆزلەپ، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ يەمەن ۋە ئەرەب دۇنياسىدا مۇقىمسىزلىق پىلانلىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن، ئامېرىكا پىرىنزدېنتى ئۆزىنى « دۇنيانىڭ پىرىزدېنتى » دەپ قارايدۇ دەپ گۇمان قىلغان. نۇتۇقتىن كېيىن، نەچچە ئون مىڭ نامايىشچى سانا ئۇنۋېرسىتىتىغا كېلىپ پىرىزدېنت سالىھنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلغان. يەمەن پىرىزدېنتى سالىھ تۇنىستىن ئومانغىچە بولغان سىياسىي بۆھرانلارنىڭ ھەممىسىنى ئامېرىكا پەردە ئارقىسىدا پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئۇ يەمەن نامايىشچىلىرىنى پەقەت دورامچى دەپ كۆرسەتكەن، يەمەننىڭ تۇنىس ۋە مىسىر ئەمەسلىكىنى، يەمەنلىكلەرنىڭمۇ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ب د ت نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنسانىي ھوقوق خادىمى ئاممىنىڭ نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ھوقوقى بارلىقىنى ئېيتقان، يەمەن دائىرلىرىنىڭ قورال ئارقىلىق نامايىشچىلارنى باستۇرماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.
يەر شارى تورى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ھەربىي پاراخوت ۋە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش ئەترىتىنى لىۋىيەگە يېقىن دېڭىز ساھەسىگە ئەۋەتكەن، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىسىتىرى روبېرت گايتىس چۈشەنچە بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەركىتى يەرلىك خادىملارنىڭ چېكىنىپ چىقىشىغا ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇشقا ياردەمدە بولۇش ئۈچۈن دېگەن. ئامېرىكا « يۇلتۇزلۇق بايراق » گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گايتىس ئىككى ھەربىي پاراخوتنى ئوتتۇرا دېڭىزغا ئەۋەتكەن، ئۇ يەنە دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش ئەترىتىنىڭ 400 نەپەر خادىمىنى ئوتتۇرا دېڭىزغا ئەۋەتكەن پاراخوتتىكى خادىملارنىڭ ئورنىغا ئالمىشىشقا ئەۋەتكەن.
ئامېرىكا سىملىق تېلىۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ 2-مارتتىكى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ لىۋىيە بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش ئۈزمەسلىكنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئاشكارلىغان. يېقىندا، ئوباما ۋە دۆلەت كاتىپى ھىلارى لىۋىيە رەھبىرى قازافىنىڭ تەختىن چۈشۈشى كېرەك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، چۈنكى قازافى « خەلقنى باشقۇرۇشتىكى قانۇنلۇقلىقى » نى يوقىتىپ قويغان. بۇ ئەمەلدار ئامېرىكا ئەگەر لىۋىيە بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزسە، ئامېرىكىنىڭ قازافى ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنلۇقلىقىنى ئەمدى ئېتراپ قىلمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ دېگەن.
لىۋىيە توپىلاڭچىلىرى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنى ئىگەللىگەندىن كېيىن، قازافىغا سادىق ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئۆزىنى قايتىدىن رۇسلاپ، قايتا ئاتلانغان، خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا 3 شەھەر-بازارنى قايتۇرۇپ ئالغان، 2-مارت 2 دانە بومباردىمانچى ئايروپىلان بىلەن شەرقىي قىسىمدىكى ئەجدابىيە ھەربىي قورال-ياراغ ئامبىرىنى بومباردىمان قىلغان. توپىلاڭچىلار ئارمىيىسى قەدەممۇ-قەدەم چېكىنگەن، ئۆزىنى ئىزچىل قازافىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغۇچىلارنىڭ رەھبىرى دېگەن زات 2-مارت خەلقئارا جەمئىيەتتىن ئۇچۇش چەكلەش رايونى تەسىس قىلىشىنى ھەتتا ئەسكەر چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
قازافى 2-مارت دۆلەتلىك تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئارقىلىق نۇتۇق سۆزلەپ، « ئەگەر ئامېرىكا ياكى ش ئا ئە ت لىۋىيەگە كىرسە، بىز قانلىق ئۇرۇش قىلىمىز، مىڭلاپ-مىڭلاپ لىۋىيەلىكلەر ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ » دەپ ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ يەنە ب د ت ۋە ش ئا ئە ت نىڭ « ھەقىقىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈش كومىتىتى » قۇرۇپ، لىۋىيە خەلقىنىڭ قانداق قىرغىن قىلىنغانلىقىنى تەكشۈرۈشىگە خىرىس قىلغان. ئۇ ئەل-قائىد تېرورچىلىرى توپىلاڭ قوزغىدى، 150 دىن ئاشمايدىغان ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دەپ كۆرسەتكەن. قازافى بىر مىليون، ئىككى مىليون ھەتتا 3 مىليون ئادەمگە قورال تارقىتىپ بېرىشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى، يەنە بىر ۋېيتنام ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئۇرۇشنى ئاخىرقى بىر ئەسكىرى قالغۇچە قىلىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن.
قازافى « لىۋىيەنىڭ نېفىتى، زېمىنىنى كونترول قىلىپ، لىۋىيەنى يەنە مۇستەملىكە قىلىش سۇيقەستى بار » ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتقان، شۇ كۈنى نېفىت مەھسۇلات مىقدارى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشكەن، ئۇ تەھدىد سېلىپ جۇڭگو، ھىندىستان، روسىيە ۋە برازىلىيە شېركەتلىرىنى غەرب شېركەتلىرىنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
قازافى قىسىملىرى گاريان (Garyan) ۋە سابراسانى قايتۇرۇۋالغان، بۇ شەھەرلەر تىرىپولىنىڭ غەربىگە جايلاشقان، تاغلىق رايون گارياننىڭ مۇھىم ئىستراتىگىيىلىك قىممىتى بار. شەرقىي قىسىمدىكى نېفىت بازىرى بېرېگا، نېفىت ئەسلىھەسى دېرىكتورىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ھۆكۈمەت ئارمىيىسى 2-مارت كونترول قىلىش ھوقوقىنى قايتۇرۇپ ئالغان، بۇ ۋاقىتتا ھېچكىم قارشىلىق كۆرسەتمىگەن. دۆلەتلىك تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ھۆكۈمەت ئارمىيىسى يەرلىكتىكى ئايرودروم ۋە دېڭىز پورتلىرىنى ئىگەللىگەن، توپىلاڭچىلارمۇ نېفىت بازىرى بېرېگانىڭ قولدىن كەتكەنلىكىنى ئېتراپ قىلغان. ئۆزى كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە، بىر تارماق توپىلاڭچىلار قىسىمى بېرېگاغا قاراپ يۈرۈش قىلغان.
قازافى ئارمىيىسى باشقا شەھەر-بازارلارغا بولغان ھۇجۇمنى كۈچەيتكەن، تانكا ئەۋەتىپ غەربىي قىسىمدىكى زەۋىيەھنى قورشىغان. تىرىپولىنىڭ شەرقىگە 200 كىلومېتىر كېلىدىغان مىسۇراتادا، قازافى ئارمىيىسى ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ قىسمەن رايونلىرىنى كونترول قىلىپ، سىرتقا ھۇجۇم قوزغىماقچى بولغان، ئەمما توپىلاڭچىلار قوشۇنى چېكىندۈرگەن.
تىرىپولىنى قازافى يەنىلا قاتتىق كونترول قىلىۋاتقان بولۇپ، ۋەزىيىتى نىسبەتەن تىنچ ئىكەن. 2-مارت بىر ماي ماشىنىسى شەھەر ئىچىدە پارتلاپ كەتكەن، سەۋەبى ۋاقتىنچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن. لىۋىيە ئىنسانىي ھوقوق ئىتتىپاقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، لىۋىيەدىكى ئىككى ھەپتىلىك ھۆكۈمۈتكە قارشى ئىسياندا ئاز دېگەندە 6000 ئادەم ئادەم قازا قىلغان. لىۋىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى داباش قازافىنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن نەچچە ھەپتە ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ئېتراپ قىلغان. ئۇ قازافىنىڭ يەنىلا تىرىپولىدا ئىكەنلىكىنى، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئىشقا كىرىشكەنلىكىنى، بىن غازىنى تايانچ پونكىت قىلغانلىقىنى، تىرىپولىنى « ئازاد » قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پاكىستان « كۆزەتكۈچىلەر گېزىتى » نىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە فرانسىيەنىڭ ئالاھىدە قسىملىرى « لىۋىيە چېگرىسىدىكى توپىلاڭچىلار كونترول قىلغان رايونغا كىرگەن ». خەۋەر لىۋىيە دېپلوماتىنىڭ مەخپىي ئۇچۇرىنى نەقىل قىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 23-كۈنى ۋە 24-كۈنى، ئامېرىكا فرانسىيە ھەربىي پاراخوتلىرى كاتىر ئارقىلىق بىن غازى ۋە تۇبرۇققا غەربنىڭ ئالاھىدە قىسىملىرىنى توشۇپ كەلگەن، ئۇلارنىڭ سانى نەچچە يۈز كىشىگە يېتىدىكەن، ۋەزىپى لىۋىيە توپىلاڭچىلىرىنى مەشىقلەندۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ ھەربىي ھەركەت قانات يايدۇرىشىغا ياردەملىشىش ئىكەن.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!