تۇرسۇن تەۋەككۈل
گېرمانىيەدىكى ‹‹سېمېنىس›› شىركىتى دۇنيادىكى تۇنجى دۆلەت ھالقىغان شىركەت. بۇ شىركەت 1847 – يىلى تۇنجى تېلېگرامما بېرىش ئاپپاراتىنى ياسىغان. 19 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ‹‹سېمېنىس›› شىركىتى پەن – تېخنىكا كەشپىياتلىرى ئارقىلىق كەڭ كۆلەمدە تېخنىكا يېڭىلاپ، يەر شارىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئېلېكتىرون سانائىتى شىركىتىگە ئايلانغان.
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ‹‹سېمېنىس›› شىركىتى 49 دۆلەتتە 168 تىجارەت ئورنى قۇرغان. بۇ شىركەت ياۋروپادىكى باشقا ئەللەردە ئۆزىنىڭ تارماق شىركەتلىرىنى قۇرۇپ ۋە باشقا شىركەتلەرنى قوشۇۋېلىپ، دۇنيادىكى تۇنجى دۆلەت ھالقىغان شىركەتكە ئايلانغان. ‹‹سېمېنىس›› شىركىتىنىڭ دۆلەت ھالقىپ تىجارەت قىلىشىدىكى ئەڭ زور ئالاھىدىلىكى پاينى مۇتلەق كونترول قىلىش، ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن قوشۇلۇش ۋە رىقابەتلىشىش، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش، ئىشلەپچىقىرىش، تەتقىقات بىلەن باشقۇرۇشنى يەرلىكلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت.
19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئامېرىكىدىكى شىركەتلەر ئوكيان ھالقىپ ياۋروپادا زاۋۇت قۇرۇشقا باشلىغانىدى. كىيىم تىكىش ماشىنىسى ئامېرىكىدا 1851 – يىلى كەشىپ قىلىندى. ئامېرىكىنىڭ ‹‹ئائىلە غەلىبىسى›› شىركىتى 1853 – يىلى تۇنجى تۈركۈمدىكى كىيىم تىكىش ماشىنىسىنى بازارغا سالدى. 1914 – يىلى دۇنيادىكى كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ %90ىنى بۇ شىركەت ئىشلەپچىقاردى. شۇنىڭ بىلەن بۇ شىركەت ئامېرىكىدىكى تۇنجى دۆلەت ھالقىغان شىركەت بولۇپ قالدى.
يۇقىرىقى ئىككى شىركەت دۇنيادىكى ئەڭ دەسلەپكى دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەردۇر. ‹‹سېمېنىس›› شىركىتى ھېلىمۇ دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت ھالقىغان شىركەت ھېسابلىنىدۇ. كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە دۇنياۋى سودا ئالاقىسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ سانى تېز ئاشتى ۋە كۆلىمىمۇ تېز كېڭەيدى. ئۇلار دۇنيا سودىسىنىڭ يېرىمىنى، دۆلەت ھالقىغان بىۋاسىتە مەبلەغنىڭ %90 ىنى، %80 تىن ئارتۇق يېڭى تېخنىكا، پاتېنت ھوقۇقىنى كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ. دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ غايەت زور ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى ئانا شىركەت بىلەن بالا شىركەتلەر تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىنى تېزدىن خەلقئارا ئۆلچەمگە لايىقلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن دۇنيا مەدەنىيەت ۋە ئىقتىساد جەھەتتىن تەدرىجىي بىر گەۋدىلىشىش يولىغا ماڭدى.
دۇنياۋى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ رايونلىشىشى، يەر شارىلىشىشىغا قاراپ يۈزلىنىشىگە ئەگىشىپ، غەرب ئەللىرىنىڭ شىركەتلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان قانۇن ۋە قائىدە تۈزۈملىرى تەدرىجىي دۇنياۋىلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. پۈتۈن دۇنيادىكى خەلقئارا مەبلەغ بارغانسېرى دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرگە مەركەزلەشتى. دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر يەر شارىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندى. يەر شارىلىشىشنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى بارغانسېرى كېڭىيىپ، ئۇنىڭ دۇنيا تىنچلىقىغا قوشۇۋاتقان رولى بارغانسېرى روشەنلەشتى.
ھازىرقى دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئىش ئورۇنلىرىنى دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر يارىتىۋاتىدۇ. ھازىر بىز قوللىنىۋاتقان ھەر كۈندىكى سەككىز سائەتلىك، ھەپتىدە بەش كۈن ئىشلەيدىغان ئەمگەك تۈزۈمىنى ئامېرىكىدىكى ‹‹فورد›› ئاپتوموبىل شىركىتى ئەڭ دەسلەپ قوللانغانىدى. دۇنيادىكى نۇرغۇن مۇھىم ئەمگەك تۈزۈمى دەسلەپتە دۇنياغا داڭلىق دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەردىن مەمۇرىي ھەم كەسپىي ئورۇنلارغا تارقالدى. ئۈنۈم مائاش، ئىش ھەققى مۇكاپاتى قاتارلىقلارنىمۇ ئەڭ بۇرۇن مۇشۇنداق شىركەتلەر يولغا قويغانىدى. شىركەت مەھسۇلات يارىتىپ قالماستىن، يەنە ئادەملەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى، ئىستېمال قارىشى ھەم تەپەككۇر ئادەتلىرىگىمۇ زور ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدۇ. بۇنداق شىركەتلەر تۈزگەن ھەر خىل بەلگىلىمىلەر تەدرىجىي ھەر قايسى كەسىپ ھەم ھەر قايسى ساھەلەر ئۈچۈن ئورتاق ئۆلچەمگە ئايلاندى. دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ ئۆلچىمى تەدرىجىي پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ئورتاق ئۆلچەمگە ئايلاندى.
يەر شارىلىشىشنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىي، مەدەنىيىتى ۋە سىياسىي ئىشلىرىغا بولغان تەسىرى بارغانسېرى ئېنىق گەۋدىلىنىشكە باشلىدى. ئاز ساندىكى دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ ئەمەلىي كۈچى بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىدىن ئېشىپ كەتتى. 2009 – يىلى ياپونىيەدىكى ‹‹فېڭتىيەن›› ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ يىللىق سېتىش سوممىسى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىدىن ئېشىپ كەتتى. ‹‹فېڭتىيەن››، ‹‹ھەممىباب››، ‹‹سېمېنىس›› قاتارلىق ئۈچ چوڭ دۆلەت ھالقىغان شىركەتنىڭ يىللىق سېتىش سوممىسى پولشانىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىدىن ئېشىپ كەتتى. ئامېرىكىدىكى ‹‹ھەممىباب›› ئاپتوموبىل شىركىتى، IBM شىركىتى قاتارلىق 200دىن ئارتۇق چوڭ شىركەتنىڭ كىرىمى ئامېرىكىنىڭ مالىيە كىرىمىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتتى. بۇ شىركەتلەرنىڭ غايەت زور ئەمەلىي كۈچى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئاممىۋى سىياسىتىنى تۈزەشكە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
(ئاپتور: ئاۋات ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسىدىن)