ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

بايلىقنىڭ ئېشىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان سەككىز سېلىشتۇرما نىسبەت

2011-يىلى03-ئاينىڭ03-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

گاۋ ۋېنجيې ، ليۇ چىڭجاۋ

    سەككىز سېلىشتۇرما نىسبەت ئۆلچىمى ئائىلە روزغارچىلىقىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ، بۇنى توغرا ئىگىلىيەلىگەندىلا، ئائىلە روزغارچىلىقىنى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرغىلى، بايلىقنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

    يېقىنقى ئىستاتىستىكىلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى (CPI) ئىلگىرىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىلەردىن %3.5 ئېشىپ، 23 ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلغان. ئەمما قەرەلسىز ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى %0.36، بىر يىللىق قەرەللىك ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى %2.55 بولغان.

    ئون يىل ئىلگىرى ‹‹10 مىڭ يۈەنلىك ئائىلە›› باي ئائىلە ھېسابلىناتتى، ئەينى چاغدىكى 10 مىڭ يۈەن باشقا ئىشلارغا مەبلەغ سېلىنماي، بانكىدا داۋاملىق تۇرغان بولسا، بۇ 10 مىڭ يۈەننىڭ قىممىتى ھازىرغىچە %17 تۆۋەنلەپ كېتەتتى. ھازىر مال – مۈلۈك قىممىتىنى ساقلاش، مال – مۈلۈكنى قوغداش ئىستېمالچىلار ھەل قىلىشقا تېگىشلىك جىددىي مەسىلە بولۇپ قالدى. شۇڭا سىز ئائىلە روزغارچىلىقىڭىزدىكى سەككىز مۇھىم سېلىشتۇرما نىسبەتكە قاراپ بېقىڭ، بۇ سېلىشتۇرما نىسبەت ئۆلچىمى ئائىلە زورغارچىلىقىدىكى مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ، بۇنى توغرا ئىگىلىيەلىگەندىلا، ئائىلە روزغارچىلىقىنى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرغىلى، بايلىقنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

    قالدۇق سېلىشتۇرما نىسبەت

    قالدۇق سېلىشتۇرما نىسبەت = قالدۇق/ باجدىن كېيىنكى كىرىم. پايدىلىنىش قىممىتى: ≤%30 بولىدۇ. قالدۇق سېلىشتۇرما نىسبەت ≤%30 بولسا، بۇ چىقىم تىزگىنلەش بىلەن ئامانەت جۇغلاش ئىقتىدارىڭىزنىڭ يۇقىرىلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، بۇ مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ساپ مۈلكىڭىزنى كۆپەيتىشىڭىزگە تۈرتكە بولىدۇ.

    سېلىنما بىلەن ساپ مۈلۈكنىڭ سېلىشتۇرما نىسبىتى

    سېلىنما بىلەن ساپ مۈلۈكنىڭ سېلىشتۇرما نىسبىتى = سېلىنما مۈلۈك/ساپ مۈلۈك. پايدىلىنىش قىممىتى: %50 ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇ ئىككى قىممەت تەڭ بولسا مۇۋاپىق ئېشىش نىسبىتىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ، خەۋپ – خەتەرمۇ زور بولمايدۇ.

    قەرز ئۈزۈش سېلىشتۇرما نىسبىتى

    قەرز ئۈزۈش سېلىشتۇرما نىسبىتى = ساپ مۈلۈك/ ئومۇمىي مۈلۈك. پايدىلىنىش قىممىتى: %70 – %60 ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. بۇ نىسبەت تۆۋەن بولسا قەرزنىڭ كۆپلۈكىنى چۈشەندۈرىدۇ، مۇبادا قەرز مۇددىتى توشسا كىرىم ئازىيىپ، قەرز تۆلەش ئۈچۈن مال – مۈلۈكنى رەنىگە قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. قەرز ئۈزۈش سېلىشتۇرما نىسبىتى يۇقىرى بولسا، قەرزگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، مال – مۈلۈك كۆلىمىنى ئاشۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. دېمەك، قەرز ئۈزۈش سېلىشتۇرما نىسبىتىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.

    قەرز سېلىشتۇرما نىسبىتى

    قەرز سېلىشتۇرما نىسبىتى = قەرز ئومۇمىي سوممىسى/ئومۇمىي مۈلۈك. پايدىلىنىش قىممىتى: ﹥%50بولىدۇ. فورمۇلادىن قەرزنىڭ سېلىشتۇرما نىسبىتى بىلەن قەرز ئۈزۈش نىسبىتىنىڭ ئۆز ئارا تولۇقلاش مۇناسىۋىتى بارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

    قەرزنى دەرھال قايتۇرۇش سېلىشتۇرما نىسبىتى

    قەرزنى دەرھال قايتۇرۇش سېلىشتۇرما نىسبىتى = كۆچمە مۈلۈك/قەرز ئومۇمىي سوممىسى. پايدىلىنىش قىممىتى: %70 ئەتراپىدا بولىدۇ. قەرزنى دەرھال قايتۇرۇش سېلىشتۇرما نىسبىتى تۆۋەن بولسا، ئىقتىسادىي ۋەزىيەت پايدىسىز ئەھۋالدا، قەرز يۈكىنى يېنىكلىتىپ خەۋپتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. قەرزنى دەرھال قايتۇرۇش سېلىشتۇرما نىسبىتى زىيادە يۇقىرى بولۇش كۆچمە مۈلۈككە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇنىۋېرسال پايدا نىسبىتى تۆۋەن بولىدۇ، مالىيە قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولماي قالىدۇ.

    قەرز، كىرىمنىڭ سېلىشتۇرما نىسبىتى

    قەرز، كىرىمنىڭ سېلىشتۇرما نىسبىتى = ئەينى چاغدىكى قەرز/ ئەينى چاغدىكى باجدىن كېيىنكى كىرىم. پايدىلىنىش قىممىتى: %35 بولىدۇ. قەرز، كىرىمنىڭ سېلىشتۇرما نىسبىتى يۇقىرى بولسا، ئاسان مالىيە كىرىزىسى يۈز بېرىدۇ. دېمەك، ئۆي – زېمىن رەنىلىك قەرز پۇلى ئالغان ئائىلىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئايدا قايتۇرىدىغان قەرز پۇل سوممىسى ساپ كىرىمنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

    ئوبوروتچان مەبلەغنىڭ سېلىشتۇرما نىسبىتى

    ئوبوروتچان مەبلەغنىڭ سېلىشتۇرما نىسبىتى =ئوبوروتچان مۈلۈك/ئايلىق چىقىم سېلىشتۇرما قىممىتى. پايدىلىنىش قىممىتى: ئۈچ ئەتراپىدا بولىدۇ. ئايلىق چىقىمنىڭ ئۈچ ھەسسىسىنى كۈندىلىك زاپاس مەبلەغ قىلىش كېرەك.

    سۇغۇرتا سوممىسىنىڭ سېلىشتۇرما نىسبىتى

    كاپالەت سۇغۇرتا سوممىسى = شەخسنىڭ باجدىن كېيىنكى يىللىق كىرىمى × .10 كاپالەت سۇغۇرتىسى ئائىلە ئەزاسىدىن بىرەسى ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان تەقدىردىمۇ، ئائىلە كىرىمىنىڭ ئون يىلغىچە تۆۋەنلەپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!