ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئون تۈرلۈك قۇرۇلۇش ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشى كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدۇ

2011-يىلى03-ئاينىڭ03-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

     ليۇ فېڭ خەۋىرى : مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى 24 – فېۋرال ئوتتۇرا – كىچىك كارخانىچىلارنى تەربىيەلەش بويىچە ‹‹سامانيولى قۇرۇلۇشى››نى يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا – كىچىك كارخانىلاردىن كەلگەن 100 نەچچە ئىگىلىك باشقۇرغۇچىنى ھەقسىز تەربىيەلەشكە باشلىغان. ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇش يىلى›› خىزمەت تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئون تۈرلۈك قۇرۇلۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشى كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىكەن.

    ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى 5 مىليون يۈەن مەخسۇس مەبلەغ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 20 مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك تۈر قۇرۇلۇشىنى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گىلەمچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى نۇقتىلىق قوللاپ، بىر تۈركۈم باشلامچى كارخانىلارنى يېتىشتۈرىدىكەن ۋە يۆلەيدىكەن.

    بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى، شىنجاڭنىڭ يۇمشاق ماتېرىيال رايونى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق قوللايدىكەن. تۈرلۈك يوللار بىلەن 1 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ كىرگۈزۈپ، 250 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق قۇرۇلۇشنى تاماملاپ، يۇمشاق ماتېرىيال مۇلازىمەت كارخانىسىدىن 200نى كىرگۈزۈپ، ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوم پۈتكۈزگەن 10 مىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىدىكەن.

    توقۇمىچىلىق كەسپىدە ‹‹ئىككى شەھەر، يەتتە رايون، بىر مەركەز›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. توقۇمىچىلىق كەسپىگە 15 مىليون يۈەن مەخسۇس ياردەم پۇل ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ يىل يېڭىدىن 10 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.

    3 مىليون يۈەن مەخسۇس مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ‹‹ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا – كىچىك كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش بازىسى›› قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىكەن.

    تەربىيەلەش خىزمىتىنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرىدىكەن. ئوتتۇرا – كىچىك كارخانىچىلارنى تەربىيەلەش بويىچە ‹‹سامانيولى قۇرۇلۇشى››نى قانات يايدۇرۇپ، ئوتتۇرا – كىچىك كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلىرىدىن 600 كىشى(قېتىم)نى ھەقسىز تەربىيەلەيدىكەن. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئوتتۇرا – كىچىك كارخانىچىلارنى ھەقسىز تەربىيەلەشنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن يىلدا 1500 ئادەم (قېتىم)نى تەربىيەلەيدىكەن، 3000 ئادەم (قېتىم) نى يېزا ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەربىيەسىگە تەشكىللەيدىكەن.

    1 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەخسۇس مەبلەغ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى قوللايدىكەن. ئىلى، ئاقسۇ ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا 20 مىڭ يۈرۈش يۇمشاق ماتېرىيال ئىئانە قىلىپ، نامرات رايونلاردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن.

    خەلققە پايدىلىق تەبىئىي گاز قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغدايدىكەن. بۇ يىل 9 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 12 شەھەرنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى تاماملاپ، 455 مىڭ ئائىلىنى تەبىئىي گاز ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىكەن.

    ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى 350 مىڭ يۈەن مەبلەغ توپلاپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىگە 20 مىڭ دانە ئېنېرگىيە تېجەيدىغان لامپا ئىئانە قىلىدىكەن؛ دۆلەتنىڭ 2 مىليون دانە ئېنېرگىيە تېجەيدىغان لامپىنى كېڭەيتىش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، دۆلەتنىڭ 16 مىليون يۈەن ياردەم پۇل مەبلىغىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىكەن.

    ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇپ بېيىتىش، چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىغا ماسلىشىپ، ساھەلەر بويىچە يۆلەيدىغان مەكىت ناھىيەسىنىڭ قۇمۇقسار يېزىسىدىكى ئۈچ كەنتنىڭ ھەر بىرىگە 200 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى ئىئانە قىلىدىكەن. ساھەلەر بويىچە بىرلىكتە قۇرغان ئارقا بۇلاق مەھەللىسىدە مەھەللە كۇتۇپخانىسى قۇرۇشنى قوللاپ، بۇ يىل 20 مىڭ يۈەن قىممىتىدە كىتاب ئىئانە قىلىدىكەن.

    ئاپتونوم رايونغا مەمۇرىي، كەسپىي ھەقلەرنى تۆۋەنلىتىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىدىكەن؛ 48 مەمۇرىي، كەسپىي ھەق ئېلىش تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، قىسمەن تۈرلەرنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىپ، كارخانىلارنىڭ 15 مىليون يۈەن يۈكىنى يېنىكلىتىدىكەن.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!