ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

پاكىستان قوراللىقلىرى ناتونىڭ 11 يېقىلغۇ ماشىنىسىنى پارتلىتىۋەتتى

2011-يىلى02-ئاينىڭ25-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
  پاكىستان قوراللىقلىرى ناتونىڭ 11 يېقىلغۇ ماشىنىسىنى پارتلىتىۋەتتىپاكىستان قوراللىقلىرى ناتونىڭ 11 يېقىلغۇ ماشىنىسىنى پارتلىتىۋەتتى
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 25-فېۋرال خەۋىرى: چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پاكىستان ساقچىسى قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ 25-فېۋرال پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىي رايونىدا ش ئا ئە ت نىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىغا يېقىلغۇ توشۇيدىغان 11 ماشىنىسىنى پارتلىتىپ تاشلاپ، 4 ئادەمنى ئېتىپ تاشلىغانلىقىنى ئېيتقان.
ساقچى باياناتچىسىنىڭ دېيىشىچە، توپىلاڭچىلار پېشاۋۇردىكى ماي تەمىنلەش پونكىتىغا ھۇجۇم قىلغان :« 20 نەچچە قوراللىق ئۇنسۇر ماي تەمىنلەش پونكىتىغا كىرىپ، پونكىت ئىچىدە توختىتىپ قويۇلغان 18 ماشىنىدىن 12 ماشىنىغا مۇددەتلىك بومبا ئورنىتىپ پارتلىتىۋەتتى » دېگەن.
ئۇ 11 ماي باكى ماشىنىسى پارتلاپ كەتتى، ئادىن قوراللىق ئۇنسۇرلار ئىككى ئامانلىق ساقلىغۇچى ۋە ئىككى شوپۇرنى ئېتىپ تاشلىدى دېگەن.
ماي باكى ماشىنىلىرىنى ئوڭۇشلۇق پارتلىتىپ تاشلىغاندىن كېيىن، توپىلاڭچىلارنىڭ ھەممىسى قېتىپ كەتكەن، ساقچى تەرەپ بۇ قوراللىق قايسى تەشكىلاتقا تەۋە ئىكەنلىكى تېخى ئېنىق ئەمەس دېگەن.
نۆۋەتتە، ھەر قانداق تەشكىلات بۇ ھۇجۇمغا مەسئول بولىدىغانلىقىنى جاكارلىمىغان.
مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات تورى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر