شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 23 – فېۋرال تېلېگراممىسى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) 23 – فېۋرال دوكلات ئېلان قىلىپ: دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تېزلىشىۋاتقان بولسىمۇ، خەۋپ يەنىلا مەۋجۇت، تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەردە چېكىنىش كۆرۈلۈش خەۋپى يەنىلا كۈچەيمەكتە، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىقتىسادتا قىزىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە، دېدى.
IMF يېقىندا 20 دۆلەت گۇرۇھىغا تاپشۇرغان بۇ دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: 2010 – يىلىنىڭ 3 – پەسلىدە دۇنيا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى(GDP) يىللىق نىسبەت بويىچە ھېسابلىغاندا %3.5 تىن ئاشقان، بۇ ئېشىش دەرىجىسى مۆلچەردىكىدىن يۇقىرى بولغان. جۈملىدىن تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاستا، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى تېزرەك بولغان.
‹‹قوش سۈرئەت ›› بىلەن ئەسلىگە كېلىۋاتقان ئەھۋالدا، تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىقتىسادىدا چېكىنىش كۆرۈلۈش خەۋپى يەنىلا كۈچەيمەكتە. ياۋروپا ئىگىلىك ھوقۇق قەرزى ۋە بانكا سىستېمىسىنىڭ ئاجىزلىقىدىن كېلىپ چىققان پۇل مۇئامىلە كەسپىدىكى جىددىيلىك يەرلىك ۋە باشقا رايونلار ئۈچۈن زور خەۋپ بولماقتا. ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك مالىيەنى تەرتىپكە سېلىش پىلانىنى لايىھەلەش جەھەتتە يېتەرلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلالمىغانلىقىمۇ زور خەۋپدۇر.