لىۋىيە ۋەزىيىتىگە قارىتا، ئاق ساراي باياناتچىسى گارنى 24-فېۋرال ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ناھايىتى تېز قارار چىقىرىپ، تېزلىكتە ئۆزگۈرۈۋاتقان ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا دۆلەت مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى كروۋلىي ئامېرىكا ب د ت نىڭ لىۋىيەنى ئىنسانىي ھوقوق كېڭىشىدىن چىقىرىپ تاشلاشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
گارنى يەنە لىۋىيەگە قوشۇن تارتىش، ئىمبارگو يۈرگۈزۈش ۋە ئۇچۇش چەكلەش رايونى تەسىس قىلىش قاتارلىق ئاماللارنىڭ ھەممىسى ئاق ساراينىڭ ئويلىشىش دائىرىسىدە ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئاق ساراينىڭ تېزلا قارار چىقىرىپ، ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ئورتاق ھەركەت قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاق ساراي باياناتچىسى: بىز تېزلىكتە ھەركەت قوللىنىشنى ئۈمىد قىلىمىز، چۈنكى لىۋىيەنىڭ ۋەزىيىتى بىزنىڭ تېز سۈرئەتتە ھەركەت قوللىنىشىمىزغا موھتاج. شۇڭا بىز پات ئارىداى ئېلىپ بارغىلى بولىدىغان ھەركەتلەرنى قوللىنىشنى ئۈمىد قىلىمىز دېگەن.
بىراق، گارنى لىۋىيەدىكى ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش يەنىلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەممىدىن مۇھىم ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن ئاكىتىپ ھەمكارلىشىپ، خەلقئارانىڭ كۈچى ئارقىلىق لىۋىيەنىڭ خەلققە زوراۋانلىق ھەركەتلىرىنى قوللىنىشنى توختىتىشنى قايىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، گارنى قازافىنىڭ ئامېرىكا قۇتراتقۇچى دېگەن قارىشىغا رەددىيە بەرگەن. نۆۋەتتە ئامېرىكا مۇئاۋىن دۆلەت كاتىپى Burns نى مەزكۇر رايوندىكى دۆلەتلەرگە ئەۋەتكەن، دۆلەت كاتىپى ھىلارىمۇ 2-ئاينىڭ 27-كۈنى جەنۋەگە بېرىپ ب د ت ئىنسانىي ھوقوق كېڭىشىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىپ، لىۋىيەنىڭ ئىنسانىي ھوقوق مەسىلىسى ئۈستىدە ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن سۆھبەتلىشىدىكەن. لىۋىيە ھۆكۈمىتى ئىنسانىي ھوقوقنى دەپسەندە قىلغانلىقتىن، كورۋلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى لىۋىيەنى ب د ت ئىنسانىي ھوقوق كېڭىشىدىن چىقىرىپ تاشلاشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
گارنى ئەگەر خام نېفىت تەمىنلىشى ئۈزۈلۈپ قالسا، ئامېرىكىنىڭ تاقابىل تۇرالايدىغان ئىقتىدارى تامامەن بار ئىكەنلىكىنى، ئەمما نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ نېفىت باھاسىنىڭ يۈزلىنىشىگە قاتتىق دىققەت قىلىدىغانلىقىنى، بىرلا ۋاقىتتا نېفىت ئىشلەپ چىقارغۇچى دۆلەتلەر بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتىنى ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەنبە: سۇمرۇغ تېلىۋىزىيىسى
جۇڭگو يەر شارى تورىنىڭ 25-فېۋرال خەۋىرى: فرانسىيە پىرىزدېنتى ساكوزىي 24-فېۋرال ئامېرىكا پىرىزدېنتى ئوباما بىلەن تېلىفۇندا سۆزلىشىپ، لىۋىيە ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئىككى تەرەپ ئورتاق ھالدا زوراۋانلىقنى توختىتىشقا دەۋەت قىلغان.
ساركوزىي بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئوباماغا فرانسىيەنىڭ لىۋىيە ۋەزىيىتى ئۈچۈن تەييارلىغان پىلانىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى رامكىسى ئىچىدە ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى تونۇشتۇرغانلىقىنى، ئوبامامۇ ئامېرىكا تەرەپنىڭ لىۋىيە ۋەزىيىتىگە قوللانماقچى بولغان تەدبىرىنى تونۇشتۇرغانلىقىنى ئېيتقان.
ئوباما بىلەن ساكوزىي تېلىفۇندا لىۋىيە ۋەزىيىتى مەسىلىسىدە قويۇق مۇناسىۋىتىنى ساقلاشقا ۋەدە بېرىشكەن.
جۇڭگو يەر شارى تورىنىڭ 25-فېۋرال خەۋىرى: فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى دېپلوماتىيە خادىمىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىشىچە، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى رەسىمىي يىغىن ئېچىپ، لىۋىيەنىڭ يېقىنقى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ئۈستىدە سۆھبەتلىشىدىكەن.
جۇڭگو يەر شارى تورىنىڭ 25-فېۋرال خەۋىرى: لىۋىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ئەلچىسى ئىبراھىم داباش قازافىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرگەن نامايىشچىلارنىڭ جەسىتىنى قۇملۇققا كۆمۈپ تاشلاشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. روسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى 24-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، داباش قازافىنىڭ ياللانما قوشۇنغا ھەربىي ترانسىپورت ئايروپىلانى بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن نامايىشچىلارنى جەسىتىنى قۇملۇققا يۆتكەپ ئاپىرىپ كۆمۈپ تاشلاشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتقان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، فرانسىيەنىڭ لىۋىيەدە تۇرۇشلۇق دېپلوماتىيە ئەمەلدارى توپىلاڭ مەزگىلىدە لىۋىيەدە « ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت » يۈز بەرگەنلىكىنى، ئالاقىدار تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى ئېيتقان. نۆۋەتتە، لىۋىيە پايتەختى تىرىپولىنى قازافىغا ساداقەتمەن قىسىملار كونترول قىلىپ تۇرغان.
جەنۇبىي كورىيەنىڭ KBS تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لىۋىيە ھۆكۈمەتكە قارشى توپىلاڭچىلىرى 15-فېۋرالدىن بۇيان ئۇدا غەليان كۆتۈرگەچكە، جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمىتى 25-فېۋرال « جىددىي باشلىقلار يىغىنى » ئېچىپ، لىۋىيە توپىلىڭىغا قارىتا « كىرزىسنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى » نى قارار قىلغان. جەنۇبىي كورىيە پىرىزدېنتى لى ميۇڭبەك ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ نېفىت باھاسى شىددەت بىلەن ئۆسۈشى جەنۇبىي كورىيەنىڭ ئىقتىسادىغا ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەتقىق قىلىشى ھەمدە ئالاقىدار تەدبىر بەلگىلەپ چىقىش كۆرسەتمىسى بەرگەن.
جۇڭگو يەر شارى تورىنىڭ 25-فېۋرال خەۋىرى: لىۋىيە دېپلوماتىيە مىنىستېرلىكىنىڭ بىلدۈرىشىچە، قازافىنىڭ شېۋىتسارىيە بانكىسىدا ھېساۋاتى يوق ئىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، شېۋىتسارىيە تەرەپ قازافى ۋە ئائىلە-تاۋاباتلىرىنىڭ شېۋىتسارىيەدىكى بارلىق مۈلكىنى توڭلىتىپ، « دۆلەت مۈلكىنىڭ قالايمىقان ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنى ئالغان »، مۇددىتى 3 يىل بولىدىكەن. لىۋىيە دېپلوماتىيە مىنىستېرلىكى بايانات ئېلان قىلىپ:« دېپلوماتىيە مىنىستېرلىكى بارلىق قانۇنىي ۋاستىلەرنى قوللىنىپ شېۋىتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ چىقارغان ئاساسسىز باياناتىنى سۈرۈشتۈرىدۇ » دېگەن.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!