لى باۋدوڭ شۇ كۈنى ب د ت نىڭ نيۇيوركتىكى باش ئىشتابىدا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ : ‹‹ نۆۋەتتىكى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا ، 3 –ئايدا خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئافغانىستان ، ئوتتۇرا شەرق ، لىۋان ، لىبېرىيە ، سېررالېئون قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىدىغان مەسىلىلىرىنى قاراپ چىقىدۇ ›› دېدى .
بۇنىڭدىن باشقا ، خەۋپسىزلىك كېڭىشى يەنە جۇڭگونىڭ تەكلىپى بىلەن 10–مارت سومالى مەسىلىسى توغرىسىدا ئاشكارا مۇنازىرە يىغىنى ئېچىپ ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەنى قانداق تۈزۈش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ ، سومالى مەسىلىسىنىڭ مۇۋاپىق بىر تەرەپ بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن .
لى باۋدوڭ يەنە : ‹‹ جۇڭگو خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى ۋە دائىمىي ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ئادىل ، ئەمەلىي بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ ، خەۋپسىزلىك كېڭىشى خىزمەتلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ ، خەلقئارانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئۈنۈملۈك قوغدايدۇ ›› دېدى .
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ، لى باۋدوڭ ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمون بىلەن كۆرۈشۈپ ، 3–ئايدىكى خەۋپسىزلىك كېڭىشى خىزمىتى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇردى .
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بەش دائىمىي ئەزا دۆلەت ۋە 10 ۋاقىتلىق ئەزا دۆلەتتىن تەشكىللەنگەن بولۇپ ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى كېڭەشكە ئەزا دۆلەتلەر دۆلەت نامىنىڭ باش ھەرىپىنىڭ ئىنگلىزچە ھەرىپلەر رەت تەرتىپىدىكى ئورنى بويىچە ھەر ئايدا نۆۋەتلىشىپ ئۆتەيدۇ . جۇڭگو ئالدىنقى قېتىم خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى 2010 – يىلى 1 – ئايدا ئۆتىگەن .