ئىران دېپلوماتىيە مىنىستىرى سالىھ
شىنخۇا تورى جەنۋە 28–فېۋرال تېلېگراممىسى : نۆەتتە ، جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭەش مەجلىسىنىڭ 16–قېتىملىق يىغىنىدا ، ئىران دېپلوماتىيە مىنىستىرى سالىھ ئىران تەرەپنىڭ ئىران يادرو مەسىلىسى ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
سالىھ شۇ كۈنى كەچ ب د ت جەنۋە ئىش باشقارمىسىنىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كىچىك تىپتىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ ، ئۇ ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭەش مەجلىسىنىڭ 16–قېتىملىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ۋاقىتتا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى كاسېرىن ئاشتون بىلەن ئۈنۈملۈك ۋە نەتىجىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېيتقان .
سالىھ ئۆزىنىڭ ئاشتون بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىنى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئاشكارىلىمىغان . ئۇ مۇنداق دېگەن : ئىككى تەرەپ سەمىمىي ۋە ئوچۇق–يورۇق ھالدا ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇردۇق ، ئاشتون بۇ قېتىملىق سۆھبەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى قايتا قانات يايدۇرۇشقا پايدىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
بۇ يىل 22–يانۋار ، ئىران بىلەن ئامېرىكا ، ئەنگىلىيە ، فىرانسىيە ، رۇسىيە ، جۇڭگو ، گېرمانىيە قاتارلىق ئالتە دۆلەتنىڭ ئىران يادرو مەسلىسى سۆھبىتى تۈركىيەنىڭ ئىستامبۇل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ ، ئىران تەرەپ بىلەن ئالتە دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇران قويۇلدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ئىختىلاپ مەۋجۇت بولغاچقا ، سۆھبەتتە ھېچقانداق ماھىيەتلىك نەتىجە كۆرۈلمىگەن .