ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

گىرېتسىيە زۇڭلىسى گىرېتسىيەنىڭ قەرز قايتۇرۇش مۆھلىتىنى ئۇزاتىشنى ئۈمىد قىلدى

2011-يىلى02-ئاينىڭ25-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خېلسىنكى، 23 – فېۋرال تېلېگراممىسى. فىنلاندىيىدە زىيارەتتە بولىۋاتقان گىرېتسىيە زۇڭلىسى پاپاندېرىئو بۈگۈن خېلسىنكىدا : گىرېتسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىغا قايتۇرىدىغان قەرز پۇلنىڭ مۆھلىتىنى ئۇزارتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، دېدى.

    پاپاندېرىئو فىنلاندىيە زۇڭلىسى كىۋىنىم بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، گىرېتسىيە ھۆكۈمىتى پېنسىيە سوممىسى تۈزۈمى، باج تۈزۈمى شۇنداقلا ئاممىۋى مەمۇرىيەت سېستىمىسىنى كەڭ كۆلەمدە ئىسلاھ قىلىپ، چىقىمنى زور دەرىجىدە تېجىدى. گىرېتسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىغا قايتۇرىدىغان قەرز پۇلنىڭ مۆھلىتىنى ئۇزارتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

    پاپاندېرىئو شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە: گىرېتسىيە بۇ قەرز پۇلنى چوقۇم ئۆسۈمى بىلەن قوشۇپ تولۇق قايتۇرىدۇ، دەپ تەكىتلىدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر